ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئەلنەغمىچى ئەكرەم تەمبۈر ئامېرىكىدا

ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خۇشاللىقلىرىنىمۇ، دەرت-ھەسرەتلىرىنىمۇ چىن يۈرىكىدىن ھېس قىلىپ ۋە ئۇنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بىر تائىپە. ئۇلار مانا مۇشۇ خىل كەسپىي ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق قاتسا، دەرد-ھەسرەتلىرىنى يېنىكلىتىپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.26
ekrem-tambur-305.jpg ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان سەنئەتكار ئەكرەم تەمبۈر ئامېرىكىدا. 2012-يىلى 13-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA

ئۇيغۇر مىللىي روھىغا كۈچ ۋە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقان بۇ قوشۇننىڭ سەركىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلاردىن بىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان سازەندە ۋە لەتىپىچى ئەكرەم مۆمىندۇر. ئەكرەم ئاكا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سورۇنلىرىنى قىزىتماقتا.

بىز ئەكرەم ئاكىنىڭ كىملىكى ۋە سەنئەت ھاياتى ھەققىدە ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

سوئال: ئەكرەمكا قانداق ئەھۋالىڭىز، ئۆتكەن سورۇندىكى مۇزىكىدىن ۋە لەتىپىلىرىڭىزدىن سورۇندىكى ھەممەيلەن پەيزى سۈردى ۋە ھەيران قالدى. ھەيران قالغان ئاساس نۇقتىسى، سىز گەرچە قىرغىزىستاندىن كەلگەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما كۆپچىلىك غۇلجىدىن ھازىر كەلگەن بىر سەنئەتچى بىلەن بىللە ئولتۇرغاندەك كەيپىياتتا بولدى ۋە سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىزغىمۇ قىزىقتى. شۇڭا ئالدى بىلەن بىزگە ئۆزىڭىزنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
جاۋاب: مەن غۇلجا قازانچىدىن، 1950 ‏-يىلى تۇغۇلغان. 1972 ‏-يىلى سوۋېتقا چىقىپ كەتكەن.

سوئال: سوۋېتقا قايسى يول بىلەن قانداق ئەھۋالدا چىققانلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز؟
جاۋاب: دۆڭمازاردا قىز دوستلىرىمىز ۋىچىركىغا چاقىرغان. شۇ يەردىن قايتقان چېغىمىزدا يول چىقىپ قالدى، تەمبۈر بىلەن كېتىپ قالدۇق.

سوئال: دېمەك ۋىچىركىدىن قايتىپ سوۋېتقا كەتتىڭلار؛ بۇرۇن پىلانىڭلار بارمىدى؟
جاۋاب: ۋەزىيەتنى بىلىسىز، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرى، ئۆزىمىزگە ئوقۇش، بالىلىرىمىزغا ئىستىقبال ئىزدەپ چىقىپ كەتتۇق، كۆزلىگىنىمىزگە ئاساسەن يەتتۇق.

سوئال: سىز غۇلجىدىكى چېغىڭىزدا، قايسى سەنئەتكارلاردىن تەلىم ئالغان ۋە ياكى قايسى سەنئەتكارلارنىڭ سىزگە تەسىرى چوڭ بولدى؟
جاۋاب: غىياسىدىن بارات، ھۈسەنجان جامى....

سوئال: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن سىزگە تەسىر كۆرسەتكەن، سىز ئۈلگە ئالغان بىر سەنئەتكارلارمۇ بولدىمۇ؟
جاۋاب: بار، شۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلدۇق.

سوئال: سىز بۇرۇن غۇلجىدا ياشاۋاتقان چېغىڭىزدا، ئۇ يەرلەردە ھايات قاتتىق، سىز يېڭى كەلگەن قىرغىزىستان بولسا، ئۇ چاغلاردا ھايات مولچىلىق، مۇشۇ پەرق سەۋەبىدىن سىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىڭىز، تاماشىبىنلىرىڭىزدا سەنئەت نۇقتىسىدىن ياكى قىزىقىش نۇقتىسىدىن بىر پەرقنى كۆردىڭىزمۇ؟
جاۋاب: مەن بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەتراپىمغا قارىسام، ھەممىسى ئوخشاش كۆرۈنىدۇ، ھەممىسى ئۇيغۇر، ئوخشاش ئىلھام ئالىمەن.

سوئال: ئۆتكەن ھەپتىدىكى سورۇنىمىزدا، لەتىپىلىرىڭزنىڭ 99% ئى دېگۈدەك، سورۇندىكىلەرگە يېڭى تۇيۇلدى. بۇ لەتىپىلەرنىڭ مەنبەسى قىرغىزىستانمۇ ياكى غۇلجىمۇ؟
جاۋاب: لەتىپىلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلمەيمەن، ئەمما غۇلجىدىكى ھىسام قۇربان قاتارلىق چاقچاقچىلارنىڭ سورۇنىدا تەلىم ئالدىم، شۇ يۇرتنىڭ تەسىرى چاقچاقلىرىمدا بار.

سوئال: كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر نۇقتا بار، سىز شۇنچە كۆپ لەتىپىلەرنى سۆزلەش جەريانىدا، بەزىلىرى خېلى ئۇزۇن بىر ھېكايە بولسىمۇ، سىزدە بىر ئېزىش، ئۇنتۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە سىزچە؟ سىزدە كىچىكىڭىزدىن باشلاپ مۇشۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بارمىدى، ياكى ھاياتىڭىز سورۇنلاردا ئۆتۈۋاتقان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ئاز-تولا مەشىق قىلىدىغان ئەھۋالمۇ بارمۇ؟
جاۋاب: ھېچقانداق تەييارلىق قىلمايمەن، ئىلھامىم كەلگەندە شۇنداق ئېچىلىمەن.

سوئال: ھىسام ئاكا بىلەن كۆپ ئولتۇرۇپسىز، ئاۋازىدىن بىرە-ئىككى جۈملە تەقلىد قىلىپ بېرەلەمسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە: بىر كۈنى....

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.