تورونتودا بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 569 يىللىقى خاتىرىلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.02.08
2010.02.08
RFA File
بۇ تەشكىلاتنى بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەنجان قانلىق ۋەقەسىدە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغاندىن كېيىن، كاناداغا كېلىپ يەرلەشكەن ئۆزبېك زىيالىيلىرى تەشكىللىگەن.
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تورونتودا ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، ئەزەربەيجانلار، قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا مۇتەپەككۇرنىڭ 15 - ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىغا قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى مەدھىيىلەندى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 569 يىللىغىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا، تورونتو شەھەر باشلىغىنىڭ ياردەمچىسى جون پاركېرمۇ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىدە ئىنگلىزلار ئۈچۈن شېكىسپېر ۋە جېئوففېرىي چوسېر (Geoffrey Chaucer ) قانچىلىك مۇھىم بولسا، تۈركى مىللەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شۇنچىلىك مۇھىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تۈركىستان يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ تورونتودىكى باشلىقى پەخىردىن تاجىمۇرات سۆز قىلىپ، تارىختا تۈركىستان دەپ ئاتالغان بۇ كەڭرى جۇغراپىيىلىك زېمىننىڭ ئەلىشىر ناۋايىدەك ئاجايىپ بۈيۈك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنى يېتىشتۈرگەن بىر زېمىن بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئەلىشىر ناۋايىنى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ كەلمەكتە. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى يىللاردا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەندىن باشقا، 80 - يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، ۋە تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىمۇ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تېيىپجان ئېلىيۇپ، ئابدۇرېشىت ئىسلام، قۇربان بارات ۋە رەھمۇتۇللا جارى قاتارلىقلار ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدىن "خەمسە 1" ۋە "خەمسە 2" لەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.
تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مىرزا ئەلىشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 569 يىللىغىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا، تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمۇ قاتناشتى ۋە نەپس ئۇيغۇر دولان ئۇسۇلىنى ئورۇنلاپ مۇراسىمنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.