خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!"، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!" دەپ شوئار توۋلاپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-10-01
Share
Enqerede-namayish-1001-2010-siyit-tumturk-efendigil-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 150 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

نامايىشقا، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن چوڭ كىچىك 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىشتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.
Enqerede-namayish-1001-2010-siyit-tumturk-efendigil-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىدە، قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەر ۋە گۇرۇھلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت