ئالمۇتادا كۆرنەكلىك ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى ئەنۋەر ھاجىيېف خاتىرىلەندى

11-دېكابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-گىمنازىيىدە كۆرنەكلىك ئالىم، مائارىپچى ۋە خەلق جانكۆيەرى ئەنۋەر ھاجىيېفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان "مەيرەمگە تەشنا تەقدىر" ناملىق كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2010.12.15
enwer-hajiyef-shair-dolqun-yasin-305 ئەنۋەر ھاجىيېف شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن بىللە
RFA/Oyghan

"مىر" نەشرىياتىدا يورۇققا چىققان مەزكۇر كىتابتا ئەنۋەر ھاجىيېفنىڭ ئانا تىل، مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان ماقالىلىرى، شۇنداقلا مەرھۇم توغرىلىق ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ خاتىرىلىرى ئورۇن ئالغان.

يىغىندا سۆزگە چىققان مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرى ئەنۋەر ھاجىيېفنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پەنىگە، مىللىي مائارىپقا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئەسكە ئالدى. يىغىندا شۇنداقلا ئۇيغۇر تىياتىرى ناخشىچىلىرى ۋە گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى، ئەنۋەر ھاجىيېفقا بېغىشلانغان شېئىرلار ئوقۇلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئارزىيېف رۇسلان ئەپەندى ئەنۋەر ھاجىيېفنىڭ ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.