ئاكىسىنىڭ ئورنىغا گۆرۈگە تۇتۇلغان ئەنۋەر ئىسرائىلنىڭ خانىمى بىلەن سۆھبەت

بۇلتۇر، 9 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى قورغاس ناھىيىسىدە شۆھرەت تۇرسۇن ئىسىملىك ياش، تۈرمىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر قاتىلنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى دۇنياغا "ئاشكارىلىغۇچى" دەپ قارالغان باش گۇماندار ئەرشىدىن ئىسرائىلنى ھازىرغىچە ئىزدىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.09
Uyghur-tutqun-qilish-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA File

ساقچىلار ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنىسى ئەنۋەر ئىسرائىلنى تۇتقۇن قىلغان. ھازىر ئۇ، قورغاس ناھىيىسى قوشئېرىق قاماقخانىسىدا گۆرۈدە تۇتۇلماقتا.

ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇمانى توغرا بولسا، بۇ ئائىلىگە كەلگەن يۇقىرىقى ئاۋارىچىلىق پەقەتلا بىر سەۋەپ تۈپەيلى كېلىپ چىققان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئەنۋەر ئىسرائىلنىڭ ئاكىسى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ كۆزى كۆرگەن بىر ھەقسىزلىقنى، دۇنياغا ئاشكارىلىشى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرشىدىن ئىسرائىل 1999 ‏- يىلى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىللىق كېسىلگەن ۋە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. ئەرشىدىن ئىسرائىل 2 ‏- قېتىم خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گۆرۈگە تۇتۇلغان ئەنۋەر ئىسرائىلنىڭ خانىمى ئاسىيە قۇربانوۋا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.