ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىس سمىس «يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كومىتېتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچى سمىس ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى»نى سۇندى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى، يەر شارى تور گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كومىتېتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچى سمىس ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇمھۇرىيەتچى كرىس سمىس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پاي بازىرىدا تىجارەت باشلىغان ھەر قانداق ئىنتېرنېت تور - ئالاقە شىركىتىدىن، مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنىڭ ئىنتېرنېت تور - ئالاقىسىنى چەكلىشىگە، بولۇپمۇ شەخسىيلەرنىڭ تور - ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ئىز - قوغلاپ بىلىۋېلىشىغا ۋە ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇشىغا ياردەملەشكەن ياكى ياردەملەشمىگەنلىكىنى ئوچۇق جاكارلاشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا يەنە، يەرشارى ئىنتېرنېت تور - ئالاقىسى يولغا قويۇۋاتقان شىركەتلەرگە، ئىلغار تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلىرىنى دېموكراتىيىنى چەكلەيدىغان، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرىدىغان دۆلەتلەرگە ئىكىسپورت قىلىش ۋە بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش جەھەتتە قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىس سمىس ئەپەندى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بۇ قانۇن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىۋاتقان «بەيدۇ»، «سىكې» دېگەن شىركەتلىرىنىڭ، دېموكراتىيىنى باستۇرۇش جەھەتتە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىدىغان كەسپلىرىنى ۋە ياردەملىشىۋاتقان خادىملىرىنى ئامېرىكا پاي تىجارىتى كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، پىشقەدەم جۇمھۇرىيەتچى سمىس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، بۇ يىل 4 - ئايدىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكىنى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى سۈزگۈكتىن ئۆتكۈزىدىغان ھەرخىل تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى خىتايغا سېتىپ بەرمەسلىكنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىنتېرنېت ئالاقە ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇ، ئەمدى بۇ قېتىم يەنە، ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىۋاتقان «بەيدۇ» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 خىتاي شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىدىغان كەسىپلىرى ۋە خادىملىرىنى مەلۇم قىلىشى لازىملىقىنى مۇئەييەن ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈنۈگۈن ئاچقان كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە ئىسپات بېرىش يىغىنىنىڭ خاتىرىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، پىشقەدەم جۇمھۇرىيەتچى كرىس سمىس ئەپەندى ناھايىتى سەمىمىي ۋە تەمكىن تەلەپپۇز بىلەن، بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىنتېرنېت ئالاقە تورىنى كونترول قىلىش ئېقتىدارى بار تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا سېتىپ بەرگەن. ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت ئالاقە تورى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت تەرەققى قىلغانسېرى، خىتاي خەلقنىڭ پىكىر ۋە سايلام ئەركىنلىكىدىن شۇنچە بەك قورقىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان مۇستەبىتلەرگە يانتاياق بولۇش ياكى بولماسلىقىنى تاللايدىغان ۋاقىت، دەپ كۆرسەتكەن شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئەمدى، خەلقنىڭ كىلىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەملىشىدىغان، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلماقچى بولغانلارنى مەغلۇب قىلىدىغان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

بۈگۈن خىتايدىكى «تيەنيا» تور گېزىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىس سمىس ئەپەندىنىڭ «يەر شارى ئالاقە تورى ئەركىنلىكى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ باشقاندىن كېيىن، بۇ گېزىتتە جىددىي مۇنازىرە بولدى. ئۇنىڭدىكى بىر ئوبزوردا، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ئىنتېرنېت تېخنىكىلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىر خىتاينىڭ قولىدا، خىتاي بۇ قورال بىلەن دۇنيادا ئاللقاچان «ئىككىنچى چوڭ» بولۇۋالدى. ھازىر ھەر قانداق دۆلەت خىتاينى ئاغدۇرالمايدۇ، دېسە، يەنە بىر ئوبزوردا، سىمىس ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە ئەمدى خىتاينىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ، دېگەن. يەنە بىر ئوبزوردا، مەسىلە، خىتاينىڭ خەلقنى باستۇرىدىغان قاتىللىرىغا ئامېرىكىغا ئەركىن بېرىپ كېلىش، تېخنىكا ئوغرىلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا، دېگەن.