ئەركىن ئەكرەم: خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنى چەتئەلگە باغلىشى - ئۆز ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ ئېتىراپى

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى باياناتىدىلا، ۋەقەنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە خىتاي مەكىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ۋۇ شىمىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ۋەقەنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قايتا - قايتا تەكرارلىدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئەركىن ئەكرەم، بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر تىرىشچانلىقىنى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئۆز ئىقتىدارسىزلىقىنى يوشۇرۇش دەپ چۈشەندۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.