بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن كادىر ساقچىلار بىلەن ئەرزدارلار ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش داۋاملاشماقتا

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار بۈگۈن 21 - ئىيۇن كۈنىمۇ بېيجىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىغا توپلانغان. ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن ساقچىلار ھەم كادىرلار بىلەن ئەرزدارلار ئوتتۇرىسىدا كېتىش شەرتى ھەققىدە كەسكىن تالاش - تارتىش بولغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.06.21
Beyningdiki-erzdarlar-305.jpg خىتاي كوممۇنىست خەلق قۇرۇلتىيى يېپىلىش مەزگىلىدە، ئەرزدارلار سوت مەھكىمىسى ئالدىدا. 2011-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
www.boxun.com


بېيجىڭ ۋاقتى 21 - ئىيۇن كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 ئەتراپىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غازى ئاكا، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ يەنىلا سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا توپلىنىپ نارازىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

غازى ئاكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۈگۈن دائىرىلەر قوراللىق ساقچىلارنى ئەۋەتمىگەن. ئەمما مەيداندا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن ئون نەچچە ساقچى ھەم كادىر شۇنداقلا پۇقراچە كىيىنگەن بېيجىڭ ساقچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدىن كېتىشكە زورلىغان.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى بىلەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن كادىر - ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كېتىش شەرتى ھەققىدە سۆھبەت ۋە تالاش - تارتىشلار داۋاملاشماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامىنە خانىم قەشقەردىن ئەۋەتىلگەن سەمەن يېزىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى سالى خۇدابەردى ۋە يېزىنىڭ نوپۇس ئىشلىرىغا مەسئۇل ساقچىسى تۇرسۇنگۈل بىلەن بولغان كېتىش شەرتى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلارنى بايان قىلدى.

ئامىنە خانىمنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەردىن سەمەن يېزىسىدىن كەلگەن ئايال ساقچى تۇرسۇنگۈل ۋە ئۆزىنى قەشقەردىن كەلگەن كادىر دەپ تونۇشتۇرغان ئابدۇغېنى ئىمىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ ئامىنەنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىش كېلىشىمىنى بايان قىلىپ، ئامىنە خانىمنىڭ ئەرزىنى يەرلىكتە ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئامىنە خانىم قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ بۇنداق ۋەدىلەرنى كۆپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، يېزا كادىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئەرزى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلغان ياكى ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئۇلار بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسمىنىڭ ئەرزى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىلىپ، بەزى شەرتلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما بېيجىڭدا ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرى يەنىلا ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئەكسىچە ھەر خىل تەھدىت، پوپوزا قىلىش ھەتتا ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يېيىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن. لېكىن بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغان بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئادالەت تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.