چاپچال كان يېزىسى دېھقانلىرى ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

چاپچال كان يېزىسى دېھقانلىرى دېھقانلارغا ۋاكالىتەن كان يېزىسىدىكى يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ئۈچۈن ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا بارغان دىلمۇرات مۇسلىننى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.07.09
toqayliq-305.png ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبىئىي توقايلىقلار
Public Domain

كان يېزىسى دېھقانلىرىنىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزى يەرلىكتە قوبۇل قىلىنمىغاچقا، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان پارىخورلۇق قىلمىشىدىن غەزەپلەنگەن دېھقانلار دىلمۇرات مۇسلىننى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ، يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش يولىنى تۇتقان.

رادىئومىز ئۆتكەن ھەپتە ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىغا قاراشلىق 5000 مو دائىرىنى ئىگىلەيدىغان توقايلىقنىڭ 2011-يىلىدىن باشلاپ ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي تىجارەتچىلىرى ھەم غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىلىشى ۋەقەسى ھەم يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ھەققىدە ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن ھەم باشقا دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەم بېيجىڭدا ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىلمۇرات مۇسلىن ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

بۈگۈن كان يېزىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار نۆۋەتتە يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلارنىڭ ئەرزى سەۋەبلىك ئۇلارغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭغا كەتكەن دىلمۇرات مۇسلىننىڭ ئائىلىسى ھەم بىر قىسىم دېھقانلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىلمۇرات مۇسلىننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلمۇرات مۇسلىن ئۈچ ئايدىن بۇيان دېھقانلارغا ۋاكالىتەن، يېزىدىكى ۋەيران قىلىنغان توقايلىق ھەم يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا يۈرۈپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، دىلمۇرات مۇسلىن بۇ قېتىمقى ئەرزى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەخسى تراكتورىنى 70 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋەتكەن.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر دېھقان يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ھەم تەھدىتلىرىگە قارىماي، ئۇلار ئۈچۈن بېيجىڭدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىلمۇرات مۇسلىنغا ئۆز چامىنىڭ يېتىشىچە پۇل يىغىش قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلمۇرات مۇسلىننىڭ بېيجىڭدا ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر رادىئومىزدا بېرىلگەندىن كېيىن، كان يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، دىلمۇرات مۇسلىننىڭ ئايالى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يېزىدىكى ساقچىلار ئارقىلىق ناھىيىدىكى ساقچى ئىدارىسىگە ئەكېتىپ سوراق قىلغان. شۇنداقلا يېزىدىكى دېھقانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىڭ ھەم يېزىدىكى ئەھۋالنى چەتئەل رادىئوسىغا خەۋەر قىلىشنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يېزىدىكى ھەرقانداق بىر دېھقاننىڭ بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان دىلمۇرات مۇسلىنغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارغا قىلىۋاتقان تەھدىتى ئەمەلىيەتتە، ئۆزلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىنىڭ مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېزىدىكى پارىخور ئەمەلدارلارغا چارە كۆرۈپ، مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلغانغا قەدەر دېھقانلارنىڭ ئەرزنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم دىلمۇرات مۇسلىننى قوللاپ ئۇنىڭغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كان يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەرزى نەتىجىسىدە، چاپچال ناھىيىلىك ھۆكۈمەت كان يېزىسىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، دېھقانلار ئەرز قىلغان يېزا كادىرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت پارىخورلۇق قىلمىشلىرى تولۇق پاكىتلىرى بىلەن ئېنىقلانغان ۋاڭ شىلۇڭ، دېڭ يىچاڭ، پولات، ئەزىز ئەخمەت، ئەكرەم، جېڭ خېڭيىڭ، سادىقجان قاتارلىق يېزا كادىرلىرىغا ھېچقانداق چارە كۆرۈلمىگەن. كان يېزىسىغا قاراشلىق توقايلىقنى بۇزۇپ سېتىۋېتىش ۋەقەسىدە دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان ئورمان ئىدارىسىنىڭ خادىمى دېڭ يىچاڭ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان پۇلغا مەسئۇل يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى ئەكرەم قاتارلىقلارنى ناھىيىدىكى باشقا ئىدارىلەرگە يۆتكىۋېتىش، دېھقانلارغا تولۇقلىما پۇل نامىدا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پۇللارنى بېرىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى بۇنداق ھەل قىلىشى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يېزا كادىرلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.