ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى سۈرىيىنى قانغا بويىماقتا

سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاخىرقى نەپىسىدە تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە سۈرىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 250 كە يەتكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.12.22
suriye-namayish-jeset-305.jpg سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 8-ماي.
AFP

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە دۇنيا خەلقىنىڭ غەزىپى يېغىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بۇ ھاكىمىيەت قان تۆكۈشنى تېخىمۇ تىزلىتىۋەتكەن. ھەتتا كىچىك بالا، ئايال ۋە قېرى-ياش دەپ ئايرىماستىن ئالدىغا كەلگەننى ئوققا تۇتقان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ2011-يىلى 22-دېكابىر سانىدا، «ئامېرىكا سۈرىيىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ، سۈرىيە قان تۆكۈۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 21-دېكابىر چارشەنبە كۈنى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئەگەر قان تۆكۈشتىن توختىمىسا، ئۇنىڭغا خەلقئارالىق يېڭى جازالارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان بولسىمۇ، سۈرىيىدە قان تۆكۈش توختىمىدى. ھەتتا ئامېرىكا ئاقساراينىڭ باياناتچىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ سۈرىيىنى ئىدارە قىلىش سالاھىيىتى قالمىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى ئىمزالىغىنىغا ئىككى كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، سۈرىيىدە قان تۆكۈش جىنايىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىدىن، خۇسۇسەن سۈرىيە ئارمىيىسى سېپىدىن ئايرىلىپ خەلق تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەرنىڭ جامائەت شەكلىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رامى ئابدۇراھماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيىنىڭ بىرلا ئىدلىب شەھىرىدە سۈرىيە ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ خەلق تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەردىن 100گە يېقىن ئادەم ئوققا تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن 80 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن. قالغانلىرى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. يەنە سۈرىيىنىڭ كەفر ئۇۋەيد شەھىرىدە سۈرىيە ساقچىلىرى مەسچىتكە كىرىۋالغان 60 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان ۋە مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ جەسىتىنى مەسچىتنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ قويغان.»

سۈرىيىلىك نامايىشچىلار ئىستىقلال بايرىقىنى قادىدى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سۈرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرىدىكى نامايىشچىلار سۈرىيىنىڭ تارىخىي قەلئەسىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، ئىستىقلال بايرىقىنى تىكلەش ئارقىلىق ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ قەتئىي تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ۋە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان بولدى. ئەمما، باشقا شەھەرلەردىكى نامايىشچىلار بۇنچىلىك تەلەيلىك بولالمىغان. ئۇلار سۈرىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن قۇربانلىرىنىڭ نامازلىرىنى چۈشۈرۈشكىمۇ كۈچى يەتمىگەن. بەزى رايونلاردا مېيىت نامىزىغا ھازىر بولغانلارمۇ ئوققا تۇتۇلغان.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.