خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە داۋاملىق يۆتكىشىگە قارشى ئىنكاس

خىتاي دائىرىلىرى ئاساس قاتلاملاردا ئاكتىپلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.03.29
herbiy-saqchi-uyghur-weziyiti-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەن قوراللىق ھەربىيلەر. 2010-يىلى 3-ئىيۇل.
AFP

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، 2004-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 26-ئىيۇن ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەلىرىدەك پاجىئەلەردىن ساۋاق ئالمىغانلىقى شۇنداقلا بۇ سىياسەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مۇھىم ئىستراتېگىيىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 12-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى 11 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئاساس قاتلاملاردا ئاكتىپلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى، بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا مۇخبىرىمىز ئىلگىرى ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامانگۈل خانىم بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.

بۇ سۆھبەتنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.