ئەخلاقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىسى - تەربىيە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ
2010.03.18
2010.03.18

RFA Photo / Erkin Tarim
ئىنساندىكى ئەخلاق ئۆگىنىش قابىلىيىتى
»ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيەت بولغان ھەر قانداق ئەقىللىق ئىنسان ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا تىرىشچانلىقلا كۆرسىتىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۈزەل ئەخلاقلانى ھاسىل قىلالايدۇ. مەسىلەن: تىز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بەل باغلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، تەربىيە يولى بىلەن ئۇ چوقۇم ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلالايدۇ. ئەڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئادەممۇ ئەگەر ئۇنىڭدا سېخىيلىققا ئادەتلىنىش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيەت ۋە تەبىئىي تەييارلىق بولۇپ، سېخىيلىققا ئادەتلىنىش ئۈچۈن چىن ئىرادە تىكلىسە، تەربىيە يولى بىلەن ئۇ چوقۇپ سېخىيلىققا ئادەتلىنىدۇ ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ. مۇنداق بىر شەخسىيەتچى ئادەم بىردىنلا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىش دەرىجىسىگە يېتەلمىسىمۇ، ئۇ باشقىلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا سېخىيلىقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. باشقا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىدە تەبىئىي قابىلىيەت بولۇش شەرتى بىلەن ھاسىل قىلىش يولىدا تىرىشقان ھەر قانداق ئادەم چوقۇم ئۇنى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش. »ئۆزىنى تەربىيىلەشنى بىلمىگەن ئىنسان باشقىلارغا ئۈلگە بولالمايدۇ
ئاپتور يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« ئۆزىنى تەربىيە بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئىشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىنسان نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلاردىن قۇرۇق قالغاننىڭ سىرتىدا، ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا ۋە يۇرت - جامائەتكە ئۈلگىلىك ئادەم بولۇشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئىنسان بىرەر ساھەدە بولسىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە يارىتالمىسا، ئۇنىڭ ئىنسانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ ۋە يوقاپ كەتسە ئىزدەنمەيدىغان، بولسا ئېتىبار بېرىلمەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئىنسان بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئىنسانغا باشقىسىدا بولمىغان ئالاھىدىلىكنى ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى ھېس قىلمايدۇ، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن پەزىلەتنى بىلمەيدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆزىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ئەگەر ھەر بىر كىشى ئۆزىنى تەكشۈرىدىغان بولسا، ئۆزىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تاپالىغاندەك، ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە پەزىلەتلەرنى تاپالايدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەخلاقىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشماستىن، ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆز يولىغا قويۇۋەتسە، قىيامەت كۈنى بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.»يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.