فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت (2)

دۇنيانىڭ كۆزىدىن ئۇزاق ھالدا ئۈن - تىنسىز ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسا، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سانسىز تەلەيسىز قىسمەتلەرمۇ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.24
exet-eli-ve-cagla-zenjirji-305 ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﭼﺎﻏﻼ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﺟﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻗﻪﺧﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺋﻪﻫﻪﺕ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﭼﺎﻏﻼ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﺟﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ.
 بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر، ماقالىلەر، كىتابلار ھەممىسى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ، تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇنتۇلغان بۇلۇڭىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقنى بايقىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭماقتا. يېقىندا فرانسىيىدە ئىشلەنگەن "ئاتا" ناملىق فىلىممۇ مانا بۇلارنىڭ بىرى.

فرانسىيىدە ياشايدىغان تۈرك سەنئەتچىسى چاغلا زەنجىرجى خانىم ئىشلىگەن بۇ فىلىم فرانسىيىدىكى تۈرلۈك فېسىتىۋاللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاغلار زەنجىرجى خانىم مەقسىتىگە ئۇلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا چاغلا خانىم بىلەن بۇ "ئاتا" فىلىمى ئۈستىدە ئېلىپ باررغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى سىلەرگە سۇنىمىز.

چاغلا خانىم، " ئەلۋەتتە تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا بېرىش تارىخى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ بالدۇر. ياۋروپادىكى تۈرك نوپۇسىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىق. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا تېخى يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيگەندىن بېرى ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى. مەن مەيلى ياۋروپادىكى، مەيلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن بارغانلىكى دۆلىتىدە تۈرك جامائىتى بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم. گەرچە ئىككى تۇغقان مىللەت بىر - بىرىدىن مىڭلارچە چاقىرىم ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چەتئەللەردە بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى تېز چىقىشىپ ياشىماقتا. سىز بۇنى نېمىگە باغلايسىز؟ " دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "مەن ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭ گېپىنى يۈزدە يۈز چۈشىنىپ كېتەلمىسىەممۇ، ئەمما ئاساسى جەھەتتىن نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمەن. تەخمىنىمچە ئۈرۈمچىگە بارسام 3 ئاي ئىچىدە مەن ئۇيغۇرچىنى تولۇق چۈشۈنەلەيدىغان بولۇپ چىقىمەن. مانا بۇ تىل بىزنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بىر ئامىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئەسلىدە مەن ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. چۈنكى ئارىدىن يىللار ئۆتە - ئۆتە بىز تىلىمىزنى نېمىشقا بۇنداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئەھەت ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە بىر سەپەر قىلدىم دېسەممۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئەھەتجان ئەپەندىم ھەققىدە كىنو ئىشلەش خىيالىغا كېلىپ قېلىشىممۇ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزەمنىڭ ئۆتمۈشۈمگە ئائىت نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىمدىن بولدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى ماڭا ئوخشاش تۈركىيىدىن كەلگەن تۈركىيە تۈركلىرى ئۈچۈن ھەركۈن كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، بىز ئۇنى پەقەت تارىخ دەرسلىرىدىلا كۆرىمىز. ئۇنى بىردىنلا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگىنىڭىزدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىسز. مەن بۇ يىقىنلىشىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى تىل دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە مەدەنىيىتىمىزمۇ بىر - بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ.

سوئال : سىز ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ باققانمۇ؟

جاۋاب : تېخى بېرىپ باقمىدىم، ئەمما بېرىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

"سىزنىڭ بۇ فىلىمىڭىز مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، بۇ ھەقتە بىزگە تېخىمۇ تولۇق مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟ " دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن چاغلا خانىم سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: "بىز بۇ فىلىمنى بۇلتۇر 12 - ئايدا تۈگەتتۇق. كىنونى فېستىۋاللارغا 2008 - يىلى1 - ئايدا قاتناشتۇردۇق. ئەڭ مۇھىمى فىلىمىمىز كلارمۇنفېلان قىسقا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فېستىۋال ئىنتايىن مۇھىم بىر فېستىۋال بولۇپ، ئۇ يەردە ھەم فىلىمنىڭ، ھەم فىلىم بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولدى. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ بىزگە "ئۇ يەردە بۇنداق بىر خەلقنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىز پەقەتلا بىلمەيتتۇق، بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بىلدۇق"، دېدى. بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىزمۇ مانا شۇ ئىدى. يەنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىدى. مەقسىتىمىزگە ئۇلاشقان بولدۇق. ئىككىنچى بولۇپ، كېرىتىريەس ئاياللار فىلىملىرى فېستىۋالىدا كۆرسىتىلدى. ئۇ فېستىۋالدا بىزنىڭ بۇ فىلىمىمىز مۇكاپاتلاندى. ئالغان مۇكاپاتىمىز ئىنتايىن مۇھىم بىر مۇكاپات، چۈنكى ئۇ فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەرنىڭ ئارىسىدىن خەلق ئۆزى باھالاش ئارقىلىق خەلق تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپات. باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئەمەس، خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر مۇكاپات، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ مۇكاپاتنى ناھايىتى يۇقىرى بىر پەرق بىلەن ئالدۇق. بىزنىڭ بۇ فىلىمىمىز يەنە فرانسىيىدىكى مونوپولىيە فىلىم فېستىۋالىدا گرانپىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇمۇ فىلىمنىڭ تارتىلىشىغا، رېژىسسورلۇقىغا بېرىلگەن مۇكاپات. بىز بۇلاردىن ئىنتايىن خوشال بولدۇق."
 
چاغلار خانىم، " سىز ياۋروپادىكى فىلىم فېسىتىۋاللاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپسىز. بۇندىن كېيىنمۇ باشقا پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟ " دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇندىن كېيىنكى پىلانىمدا مەن گىيىمىجونىتتى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندا ئۇزۇن بىر كىنو ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇنى 9 - ئايدا باشلايمىز. بىلىشىمچە، پاكىستاندىمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى بار، ئۇلارنى قەشقەرىيلەر دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلار قەشقەردىن كېلىپ پاكىستاندا چوڭ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھازىرچە تولۇق مەزمۇنىنى دەپ بېرەلمىسەممۇ، فىلىمىمىزدە يەنىلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەزمۇنلار ئۆتىدۇ."

"رەھمەت سىزگە، ئاخىرىدا قوشۇپ قويماقچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟ "دېگىنىمىزدە، ئۇ يەنە شۇنداق دېدى: "مەنمۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ يەردىن ھەم ئەھەتجان ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى ئەھەتجان ئەپەندىمنىڭ بۇ كىنونى ئىشلەپ چىقىشىمىزغا كۆپ ياردىمى بولدى. ئىنشائاللاھ بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ياردىمى بولار!"

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.