فرانسىيىدە داغدۇغۇلۇق نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

14- ئىيۇن يەنى شەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھرىدە تىبەت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا داغدۇغىلىق نامايىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.16

 بۇ قېتىمقى نامايىشقا فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، فالۇنگۇڭچىلار، خىتاي، ۋيېتنام، بىرما دېموكراتلىرى ۋە تىبەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئورگىنى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ نامايىشنىڭ مەقسىدى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان.

بۇ قېتىمقى نامايىشتا يۇقىرىقى مەزكۇر بىرلەشمە ئورگاننىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقات شەكىللىرى ئارقىلىق خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچلىغىنىڭ تىپىك مىساللىرىنى ئەتراپتىكى نامايىش كۆرگۈچىلەرگە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن باشقا،خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئىچىدىكى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇق دەۋاسىنى قىلىۋاتقانلارنىلا ئەمەس بەلكى، بىگۇناھ خەلقلەرنىمۇ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ نامايىش جەريانىدا ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ھەم ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سايىسىدىن ئۆزى ھۈركۈپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىنى پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.