گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2012.10.02

بۈگۈن، يەنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. نامايىشقا يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، ھەممە بىردەك، «تېررورچى خىتاي! شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلىشىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن، بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش كۈنى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەقسەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا جەم بولغانلىقىنى ئېيتتى.