5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (29)

غايىبلاردىن ئابلاجان سۇلايمان ئەينى چاغدا 19 ياش، قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىن. ئۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن ئات بەيگە مەيدانى 6-كوچىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.01
abdusemet-ablet-305.png «5 - ئىيۇل»دىن كېيىن ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغانلاردىن بىرى ئابدۇسەمەت ئابلەت
Photo: RFA

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلاجان سۇلايمان ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇر، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى كازىۋەن قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى. ئابلاجان سۇلايمان ئائىلىسىگە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى كېيىنكى مەزگىللەردە، ئابلاجان سۇلايمان ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بولسا ئابلاجان سۇلايماننى تۇتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تا ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئائىلىسىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇماقتا. مۇخبىرىمىز غايىب ئابلاجان سۇلايماننىڭ دادىسى سۇلايمان داۋۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۇلايمان داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوغلى ئابلاجان سۇلايمان ئات بەيگە مەيدانىدىكى قۇشخانىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ 6‏-ئىيۇل كۈنى سەھەردە تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئات بەيگە مەيدانى 6-كوچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىلا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئارىدىن بىر ئايچە ئۆتكەندە ئابلاجان ئائىلىسىگە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، پەقەت مىچۈەندىكى بىر قاماقخانىدا قانۇن تەربىيىسى ئېلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. قاماقخانىدىن چىققانلاردىن بىرى بولسا، تونۇپ بېرىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن رەسىملەر ئارىسىدا ئابلاجان سۇلايماننىڭمۇ رەسىمىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە ساقچىلار بولسا، ئابلاجان سۇلايمان ئائىلىسىگە ئۇنىڭ ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە داۋاملىق ھالدا كۈتۈپ تۇرۇشنى بۇيرۇماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.