گېرمانىيىنىڭ گۇئانتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئېھتىمالى زور
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ئەكرەم
2008.12.30
2008.12.30

AFP Photo
گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلەۋاتقان بولۇپ، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بۇ جەھەتتە ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
ياۋرۇپا پارلامېنتى، ھەر قايسى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەھبەرلىرىگە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئىلتىجالاردا بولغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گېرمانىيىنىڭ گۇئانتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى توغرىلىق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.