گېرمانىيىدە نامايىش
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.10.02
2009.10.02

RFA Photo / Ekrem
ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۇق تەرىپىدىن "ماتەم كۈنى" قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ كۈن ھەققىدە دۇق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىزاھات بەردى.
ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىش، يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە تەشكىللەنگەن. نامايىش ئاساسلىقى رەسىم كۆرگەزمىسى تەشۋىقاتى ئارقىلىق، شەھەر مەركىزىدىكى بۇ قايناق، شاۋقۇنلۇق كوچىدىكى مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
مەزكۇر نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھرىبان خانىم ۋە راھىلە خانىملار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا چوڭلاردىن سىرت، نەچچە ئونلىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ۋە كىچىك بالىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىغا ياردەملىشىپ، تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى تارقاتماقتا ئىدى.
نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر سۈرەتلەر چاپلانغان تاختىلاردىكى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ، بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرۇلۇق تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات سوراۋاتاتتى. بۇ قېتىمقى نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تە باشلىنىپ سائەت 5:00 بىلەن ئاخىرلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.