گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.04.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Bingtuan-Xitayliri-we-Barin-Inqilapchiliri-tutqunda-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ "ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ" ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
File Photo

گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ ميۇنخېندىكى چوڭلار مەشرىپىنىڭ ساھىپخانلىق قىلىشى بىلەن، د ئۇ ق نىڭ باش شىتابىدا بارىن شېھىدلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. چوڭلار مەشرىپىنىڭ قازىسى، د ئۇ ق مۇئاۋىن باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەد روزاخۇن ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
 
بارىن ۋەقەسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن 1949 - يىلىدىن بۇيان، بارىن يېزىسىدا تۆت قېتىم چوڭ تىپتىكى قوراللىق قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن.

بىرىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ بارىن يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ھېكىم تاش رەھبەرلىكىدە 1950 - يىلى 7 - ئايدا پارتلىغان بولۇپ، بۇ قوزغىلاڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ھېكىم تاش باشلىق بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ، 1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەزىز ئوسمان باشچىلىقىدا بارىندا پارتلىغان بولۇپ،  قوزغىلاڭچىلار ئاقتۇدىكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قورال - ياراق ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 300 كىشىلىك بىر قوراللىق قوشۇن بىلەن خىتايغا قارشى جەڭ قىلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭمۇ قانلىق باستۇرۇۋېتىلگەن.

ئۈچىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ 1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بارىنلىق مەمەت ئەيسا دېگەن كىشىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتلىغان. 700 كىشىلىك قوراللىق قوزغىلاڭچىلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1990 - يىلى 5 - ئاپرېلدىكى ۋەقە بولسا، بارىندىكى 4 - قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭ بولۇپ، 4 قېتىملىق ۋەقەنىڭ ھەممىسىلا قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان.
 
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بۇ ئىنقىلاب توغرىسىدا توختىلىپ، بارىن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى، بارىن ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.