سادىقجان سەلەي: بىز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق

30-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن گوللاندىيىنىڭ ئۈترېخت شەھرى درىبۈرخن جامەسىدە روزا ھېيتنى قۇتلۇقلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرمىز پىدائىي
2011.08.31
gollandiye-osmurlerge-mukapat-305.jpg گوللاندىيىدىكى روزا ھېيت پائالىيىتىدە، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات بېرىلدى. 2011-يىلى 30-ئاۋغۇست.
RFA/Pidaiy

بايراملىق پائالىيەت، ۋەز-نەسىھەت ۋە دۇئا-تىلاۋەت باشلاندى. يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەر شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. چوڭلار ئارىسىدا تارىخ ۋە دىنغا ئالاقىدار زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، كىچىكلەر ئارىسىدا قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇتۇپ چىققانلارغا لايىقىدا مۇكاپات بېرىلدى.

Gollandiye-roza-heyt-385.jpg
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتلىق ئولتۇرۇشتا. 2011-يىلى 30-ئاۋغۇست.
RFA/Pidaiy

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن توپلانغان چوڭلار دۇنيا، دىن، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە پىكىرلىشىپ مۇڭداشسا؛ ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن ئوماق بالىلار بايراملىق كىيىملىرى بىلەن غەمسىز ئويناپ، روزا ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى تەشكىلاتلار يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.