«گوتىيا لوڭقىسى» دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

شىۋېتسىيىنىڭ يۆتېبورىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «گوتىيا لوڭقىسى» نامىدىكى دۇنيا ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆز ياش قۇراملىقلىرى بۇيىچە تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە 8كۈچلۈك كومداندا قاتارىغا كىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا قايتتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012.07.27
Shiwetsiyidiki-uyghur-putbol-komandisi-pesillik-aylanma-musabiqide-chimpiyon-boldi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﺍ.
http://fcuyghurstan.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.


«گوتىيا لوڭقىسى» نامىدىكى دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە، - 11ياشتىن - 18 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلىپ 8 تۈر بۇيىچە قىز، ئوغۇل كوماندىلىرى بۇيىچە 16 دانە «چىمپىيونلۇق لوڭقىسى» تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر بىر تۈردىكى كوماندىلار ئۆز تۈرىدىكى باشقا كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. «ئۈمىد» نامىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈلىرى پۇتبول كوماندىسى 12 ياشلىقلار تۈرىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ تۈردىكى كوماندىلار 34 كىچىك گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەربىر گرۇپپىغا 4 تىن كوماندا بۆلۈنگەن. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى كوماندىسى - 9 گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر كوماندىسى كىچىك گۇرۇپپىدا ئىككى شىۋېتسىيىنىڭ، بىر گېرمانىيىنىڭ كوماندىسىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ، 9 نۇمۇر بىلەن كىچىك گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولغان ئىدى. كىيىنكى مۇسابىقىلەر ئا مۇسابىقە گۇرۇپپىسى ۋە ب مۇسابىقە گۇرۇپپىسىغا ئايرىلغان. ئۇيغۇر ئۆسمۈلەر كوماندىسى ئا مۇسابىقە گۇرۇپپىسىگە بۆلۈنگەن.بۇ مۇسابىقىلەر داۋامىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر كوماندىسى 1 گە قارشى 10 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا، 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن گرىتسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن ئىدى. ئەمما 4كۈچلۈك كوماندىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە سپرۇس كوماندىسىغا 3 كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

«ئۈمىد» كوماندىسى نامىدىكى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈلەر كوماندىسىنىڭ «گوتىيا لوڭقىسى» نامىدىكى دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم بولسىمۇ، ئەمما 6 مەيدان مۇسابىقىدە 23 توپ كىرگۈزۈپ خەلقئارا مۇسابىقىلەردىكى تۇنجى قەدىمىنى ياخشى باشلىغان.

«گوتىيا لوڭقىسى» نامىدىكى دۇنيا ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى - 1975يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇندىن بېرى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. - 2004يىلى 30 يىللىق مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.ھازىر گوتىيا نامىدىكى بۇ مۇسابىقە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى«گوتىيا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار ئالدىنئالا تىزىملىتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆز كوماندىلىرىنى تىزىملاتسا بولىدۇ، كوماندىلارنىڭ رايون، دۆلەت، مىللەت، سان چەكلىمىسى بولمايدۇ. خالىغان دۆلەتتىن خالىغان كوماندىلار تىزىملاتسا بولىدۇ. بۇندىن بۇرۇن خىتاي دۆلىتى 12 قېتىم كوماندا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولمىغان. بۇ قېتىمقىسى ئەڭ ياخشى نەتىجە دەپ قارالماقتا.

كېلەر يىللىق مۇسابىقە - 2013يىلى - 7ئاينىڭ - 14كۈنىدىن - 20 كۈنىگچە ئۆتكۈزۈلمەكچى. بىز بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، كېلەر يىللىق مۇسابىقىگە يەنە كېلىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.