گۇئانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئابابەكرى ۋە ئادىللارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ قارىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى بىر قانچە دۆلەتلەر ئۆز تەۋەلىكىگە قوبۇل قىلىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، بىرەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى يوق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-01-13
Share
Adil-Ababekri-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻟﺒﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺭﻓﺌﺎ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻫﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﯩﺪﺍ ﻫﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﺪﺍﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

ئەركىنلىككە چىققان 5 نەپەر ئۇيغۇر بولسا گەرچە ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلىسى ۋە بالا چاقىسى بىلەن بىر ئارىغا جەم بولۇشنى خالىغان ئەمما ئارزۇسىغا يېتەلمىگەنلىرى بار.

5 نەپەر ئۇيغۇردىن ئادىل ھاكىمجان شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېرىپ، شىۋېتسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، لېكىن ئۇنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇپ قېلىش ھەمدە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنىش ئىلتىماسىمۇ ھازىرغا قەدەر ھەل بولمىدى.

بىز ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى ئەپەندىم ۋە شۋېتسىيىدىكى ئادىل ئەپەندىملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ئۈستىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئابابەكرى ھەمدە ئادىل بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت