گۇئانتانامو تۈرمىسىدە يېزىلغان بىر پارچە شېئىر 'مۇزلىدى'

بىز پالاۋدىكى زىيارىتىمىز داۋامىدا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا تەسىراتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. بايقىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئادالىتىگە بولغان ئىشەنچى ئۈمىدلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتا ئارىسىدا داۋالغۇپ تۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.11.20
Guantanamo-Adil-Nuri-Palawda-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﻻﯞﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Shohret Hoshur

ئۇلار ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن چېغىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق ماجىراسى بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىگە چوڭ زىيان كەلمەيدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان.

ئەمما دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن، تۈرمە تۈرمىدۇر؛ ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى بىر قىسىم كەچۈرمىشلىرى، بولۇپمۇ گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قامىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارنى ئامېرىكا ئادالىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تەسىراتى ھەققىدە توختالغان ئادىل نۇرى مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئالدى بىلەن ئىنسان، شۇڭا ھەقسىزلىققا  ئۇچرىغان ۋاقتىمىزدا غەزەپلىنىمىز، ئەتىۋارلانغان چېغىمىزدا ، ئادالەتنىڭ نۇرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا خۇش بولىمىز."

ئادىل نۇرى تۈرمىدىكى چېغىدا مۇزلىدى ناملىق بىر پارچە شېئىرنى يازغان.

ئامېرىكا، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغا قەدەر 15 نەپىرىنى ئەركىنلىككە قويۇپ بەردى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا ئورۇنلىشىش خىراجىتى 8 مىليون دوللار بولغان.

گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار 8 يىل بىگۇناھ قامالغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن نارازى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش تەلىپىنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن مەمنۇن. يۇقىرىدىكى شېئىر ئۇلارنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدە ئامېرىكا ئادالىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چاغلىرىدىكى ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.