گوگۇلنىڭ خاككېرلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدا خىتايدىكى گوگۇل خادىملىرىنىڭ قولى بولۇشى مۇمكىن

12 - يانۋار كۈنى ئىنتېرنېتتىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولغان گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇنداق بىر قارار ئېلىش سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى ۋە گوگۇل ئېلخەت ئادرېسلىرىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە قانۇنسىز ھالدا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىشى دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-01-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﮔﯘﻟﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﯧﺮﯨﻚ ﺷﯩﻤﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﺍ، ﮔﻮﮔﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﮔﯘﻟﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﯧﺮﯨﻚ ﺷﯩﻤﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﺍ، ﮔﻮﮔﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
AFP Photo

بۈگۈن گوگۇل شىركىتى يەنە گوگۇلنىڭ خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدا خىتايدىكى شۆبە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ قولى بار بولۇشى مۇمكىن دېدى. ھازىر گوگۇل خىتاي خادىملىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

گوگۇل شىركىتىگە ئائىت ئېلخەت ئادرېسلىرىنىڭ خىتايدا ئارقا -ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ۋە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتە خالىغان ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە چەكلىمە قويۇشى گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۈگۈن ب ب س'دا بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، گوگۇل شىركىتى ھازىر خىتايدىكى شۆبە شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە قولى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

گوگۇل شىركىتى ھازىر بۇ ئىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن خىتايدىكى شۆبە شىركەتلىرىدىكى بەزى خادىملارنىڭ ئىچكى تور سېستىمىسدا مەشغۇلات قىلىشىنى چەكلىگەن ۋە بەزى خادىملىرىنى ئۆيىدە دەم ئېلىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان.
 
گوگۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوگۇل ئىلگىرى ئۇچرىغان خاككېر ھۇجۇملىرى خىتايدىكى شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ يەنى ئىچكى قىسىمدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا گوگۇلغا ئائىت ئېلخەت ئادرېسلىرىنى ئىشلەتكەن نۇرغۇنلىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئېچىلغان بولۇپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىمۇ بۇ خىل ھۇجۇمدىن مۇستەسنا ئەمەس.

دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ گوگۇلغا ئائىت بولغان ئېلخەت ئادرېسلىرىنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئېچىلغانلىقى، ھەتتا ئېلخەت ئادرېسىدىكى خەتلەرنىڭ باشقا تونۇمايدىغان كىشىلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

ئارقىدىنلا مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار باياناتىدا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا مۇشۇنداق خاككېرلىق ھۇجۇملارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كىشىلەردىن ئېلخەتلىرىنى تەكشۈرگەندە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتايدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېتتە خالىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىنىڭ خىتايدا دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا گوگۇلنىڭ مەيدانى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تېخىچە ئوچۇق بىر ئىپادە بىلدۈرمەي كەلگەن ئىدى. كىشىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە خىتاي گوگۇلنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلماقتا، دەپ باھا بەرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۇ بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئوچۇق بايانات بەردى. ئۇ گوگۇلنىڭ ئىسمىنى ئوچۇق ئاتاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزىدە: "خىتايدا ئىش قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى چوقۇم خىتاينىڭ قانۇنىغا ۋە قائىدە - نىزاملىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئۇلار ئومۇمىي خەلقنىڭ قىزىقىشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. گوگۇلمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس،" دېدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوگۇل بىر قانچە ھەپتىگىچە ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنتېرنېتتا ئېرىشىدىغان مەزمۇنلارغا چەكلىمە قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۆندۈرەلمىگەن تەقدىردە خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما ئۆزىنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا بىرەر سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان - بېرىلمىغانلىقىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

گەرچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋەقەگە نىسبەتەن بىر ئىپادە بىلدۈرمەي جىم تۇرۇۋېلىشىنى بەزى كىشىلەر خىتاي گوگۇلنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ما جاۋشۈنىڭ بۈگۈنكى سۆزلىرى ئۇنىمۇ يوققا چىقارغاندەك كۆرۈنمەكتە. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىلىرىگە بولغان قاماللىقىدىن قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت