«مەركەز سەنئەت ئۆمىكىنىڭ قوراللىق قىسىملاردىن ھال سورىشى» غا ئۇيغۇرلار نېمە دەيدۇ؟

خىتاي قوراللىق قىسىملىرى خوتەندە 12 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى يارىلاندۇرۇپ ھەپتە ئۆتمەي، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمىكى خوتەندە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىن «ھال سوراش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.06.13
merkez-senet-omigi-hal-sorash-305.jpg خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمىكى خوتەندە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىن «ھال سوراش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 12-ئىيۇن، خوتەن.
www.xj.xinhuanet.com Munasiwetlik maqalidin élin’ghan

شىنخۇا تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمىكى 11-ئىيۇن كۈنى خوتەندە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملاردىن «ھال سوراش» پائالىيىتىنى باشلىغان.

بۇ پائالىيەت خىتاي قوراللىق قىسىملىرى 6-ئىيۇن كۈنى خوتەندىكى دىنىي تەلىم-تەربىيە ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ، 12 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى يارىلاندۇرغان ۋەقەدىن بىر ھەپتە كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەت 12-ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىكەن. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بايانلىرىدا بۇ پائالىيەت «شىنجاڭغا مەدەنىيەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش» دەپ ئاتالغان.

«مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ كىچىك سەنئەتكارلار ئەترىتى شىنجاڭدا ھال سوراش ئويۇنلىرىنى باشلىدى» ناملىق بۇ خەۋەردە يېزىلىشىچە، 2010-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ خىلدىكى پائالىيەت ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىن ھەم بىڭتۇەندىن ھال سوراشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. بۇ «ھال سوراش» ئىلگىرى قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، باستۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ قولى ئارقىلىق تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ھەرخىل تەھلىللەر ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نەرىدىلا باستۇرۇش ھەرىكىتى بولسا، مەركەز «ھال سوراش» سەنئەت ئۆمىكىنىڭ شۇ يەردە ھازىر بولۇشى «باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدا ئىنسانىي تۇيغۇنى ئاجىزلىتىش، ۋىجدان چۈشەنچىسىنى يوقىتىش، ئۇلارنى تېخىمۇ غالجىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن» دەپ قارىدى.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى يەنە يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ زوراۋانلىقنى ۋاسىتە قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ھەم بۇ مەقسەتنىڭ بەدەلسىز قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.