سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھەدىس مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قىزى خەيرۇننىسا مۇكاپاتلان

2009 - يىلى 15 - ئاپرىل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە، "ھەدىس ۋە ھازىرقى زامان ئىلىملىرى" ناملىق خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقە سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى مۇئاۋىنى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نايىف ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.05.01

مۇسابىقىدە، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تورۇشلۇق ئۇيغۇر قىزى خەيرۇننىسا ئابدۇللا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئىدى.

مۇسابىقىنىڭ غايىسى ۋە بارلىققا كېلىشى

ئەمىر نايىف ئىبنى ئابدۇلئەزىز نامىدىكى" ھەدىس ۋە ھازىرقى زامان ئىلىملىرى" ناملىق خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق غايىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىگە يادقا ئالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە ھەر قايسى مەكتەپ ۋە مەدرىسىلەردىكى ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەدىسكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. مەزكۇر مۇسابىقە 7 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2002 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان ۋە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى. مۇسابىقە نايىف ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ شەخسىي خىراجىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئەركىن قاتنىشالايدۇ. ھازىرغىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن، ھەتتا ئوتتىئۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ كېلىپ قاتناشقانلارمۇ بار ئىكەن.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى مىسفەلە مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئويغۇر قىزى خەيرۇننىسا ئابدۇللا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامىي ئىلىملەر ساھەسىدە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، نايىف ئىبنى ئابدۇلئەزىز نامىدىكى " ھەدىس ۋە ھازىرقى زامان ئىلىملىرى" مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى. خەيرۇننىسا ئۆتكەن يىلقى مۇسابىقىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل 15 - ئاپرىل كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئىككىنچى دەرىجىلىك بولۇپ تاللىنىپ، 35 مىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان رىيالى( يەنى 9 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرى) نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىلەن ئۇيغۇرلار نىڭ تىرىشچانلىقىنى، چەت مەملىكەتلەردە ئاز سانلىق سۈپىتىدە ھايات كەچۈرسىمۇ، ئىلىم - مەرىپەت ئىزدەش ۋە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشقا بولغان ھەۋەسكارلىقى جەھەتتە باشقا مىللەتلەردىن قېلىشمايدىغان، بەلكى ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان جەڭگىۋار روھىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلغان بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر قىزى خەيرۇننىسا ئابدۇللانى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭغا زور ئۇتۇقلار تىلىدى. ئۇنىڭ مۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە بىرىنچى ئورۇننى ئېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خەيرۇننىسا ئابدۇللانىڭ بۇ قېتىقمى مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان - شەرەپ كەلتۈرىدىغان ئىش ئىكەن.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.