ھەنىپە سۇلتان: ' يالۋۇرمىغانلىقىم سىياسىي جىنايىتىم بولدى'

غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسىدا قاتار چاي ئوينىغان 30 نەپەر ئايال، نەق مەيداندا تۇتقۇن قىلىنغان؛ ئۇلارنىڭ 4 نەپىرىگە 1 ئايلىقتىن قاماق جازاسى؛ 7 نەپىرىگە ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن، قالغان 19 نەپىرى 8 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بىز جۈمە كۈنىكى پروگراممىمىزدا مەزكۇر ۋەقەدە ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق؛ بۈ پروگراممىمىزدا، تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلۇنىشىدىن، مەزكۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىرى، 31 ياشلىق ئائىلە ئايالى ھەنىپە سۇلتان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.