جوڭنەنخەي كىملەرنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئوغۇرلىماقچى بولسا، ئۇنى خۇئاۋېي شىركىتى ئورۇندايدۇ
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.04.03
2012.04.03
AFP
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئاۋسترالىيىگە 35 مىليارد 900 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، كەڭ لېنتىلىق ئۇچۇر ئالاقە تورىنى يولغا قويماقچى بولغان خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىدىن، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىپتىدائىي نومۇرىنى (كېلىش مەنبەسىنى) ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خۇئاۋېي شىركىتى ئۆزىنى خۇسۇسىي شىركەت ئاتاش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گېللارد خانىم، خىتاينىڭ خۇئاۋېي ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيىگە كەڭ لېنتىلىق ئۇچۇر ئالاقىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن سالىدىغان مەبلىغى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن چەكلەندى، بۇ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىگە سالىدىغان باشقا مەبلەغلىرىنى چەكلىگەنلىك ئەمەس، دەپ جاكارلىغان ئىدى.
بۈگۈن ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى كرايگ ئېمىرسون خەلقئاراغا، خىتاينىڭ خۇئاۋېي ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە كەڭ لېنتىلىق ئۇچۇر ئالاقە تورىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن سالىدىغان مەبلىغى ئاللىقاچان چەكلەندى، بۇ ھەقتە قايتىدىن بەلگىلىمە چىقىرىلمايدۇ دەپ جاكارلىدى.
تەيۋەندە چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەر گېزىتى» بۈگۈن «جوڭنەنخەي كىملەرنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى بىلمەكچى بولسا، ئۇنى خۇئاۋېي شىركىتى ئورۇندايدۇ» سەرلەۋھىلىك تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلدى. خۇئاۋېي ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە چېتىلىدىغان ئارقا كۆرۈنىشى ئاشكارىلانغان بۇ تەپسىلى خەۋەرنى «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى كۆچۈرۈپ بېسىپ كېڭەيتتى.
«ھەپتىلىك خەۋەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ خۇئاۋېي ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتى 2001 - يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا تالىبانلار ئۈچۈن تېلېفون ئالاقە تورى قۇرۇپ بەرگەن شىركەت. ئىران ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ ئېلېكترونلۇق خەت ۋە تېلېفونلارنىڭ سىگنال يۆنىلىشنى بىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ بەرگەن، شۇنداقلا ئىراننىڭ «زايم» شىركىتى بىلەن ئەڭ يېقىن ھەمكارلىشىۋاتقان شىركەت. بۇ خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ خەلقئارادا مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا پارا بېرىشتە داڭ چىقارغانلىقىمۇ بىر پاكىت. تېخىمۇ قىزىق يېرى شۇكى، خىتايدىكى بۇنداق بىر چوڭ خەلقئارا شىركەتنىڭ پاي چېكى بازىرىغا سېلىنمىغان، ئۇنىڭ ھەسسىدارلىرى ئىنتايىن سىرلىق كىشىلەر. ئەگەر خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ «جامائەت قۇرۇلۇشى» دېگەن نام ئاستىدا تەيۋەنگە سالماقچى بولغان مەبلىغى تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ، تەيليەنداڭ پارتىيىلىرىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچراپ تۇرمىغان بولسا، بەلكى ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇناسىۋەت يولى بىلەن تەيۋەنگە سىڭىپ كېرىۋەرسە، يەنە بىر نەچچە يىلدا تەيۋەندىمۇ، خۇددى چوڭ قۇرۇقلۇققا ئوخشاش بىرمۇ «پاكىز ئۇچۇر لىنىيىسى» قالمايدۇ، پۈتۈن خەلقنىڭ ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ تېلېفون - ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى مەۋجۇت بولمايدۇ.
خىتاينىڭ خۇئاۋېي ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتى 1982 - يىلى شېنجېندا قۇرۇلغان، دەسلەپ تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى مەبلىغى ئاران 20 مىڭ يۇئەن. ئەمما ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتى،ئۇنىڭ مەبلىغى ئاللىقاچان 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 2011 - يىلىدىكى دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ شىركەتنى «خۇئاۋېي روھى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ئادەم ئىدارە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى شىركەتنىڭ باش مۇدىرى رېن جېڭفېي، ئۇ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە تارماقلىرىدا 14 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ھەربىيدىن چېكىنىپ، قېيىن ئاتىسى مېڭ دوشو (سىچۇئەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) نىڭ ياردىمى بىلەن، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇپ ھەربىي رايونىدا تېلېفونلارنى پروگراممىلىق تېلېفونلارغا ئۆزگەرتىدىغان بىر چوڭ بازار تاپقان كىشى. ئىككىنچىسى شىركەتنىڭ ھەسسىدارلىق ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى سۈن يافاڭ، ئۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە تەقسىملىنىپ، دۆلەت بىلەن ھەربىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر - ئالاقىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كىشى.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 2011 - يىلىدىكى دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتى 2011 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 228 مىليون يۇئەن مەبلىغى بىلەن، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ك گ ب سىدەك ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى ئوغىرلىقچە ئاڭلاش سىستېمىسى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن يەنە، قولىنى ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىغا سوزغان. بۇ جەرياندا، ئامېرىكىنىڭ «ئۈچ ياپراق» ماركىلىق ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتىنى ۋە «موتورولا» بەلگىلىك ئېلېكتىر - تېخنىكا شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بەش قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. سىرىلانكا باش مىنىستىرىنىڭ يىقىلىشى، جەنۇبىي ئامېرىكا كولومبىيا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىنىڭ يىقىلىشى، پاناما «3گ» دېلوسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ مۇشۇ شىركىتى پارا بېرىپ پەيدا قىلغان.
خىتاينىڭ بۇ خۇئاۋېي شىركىتى ھازىر ئەنگىلىيىنىڭ ئېلېكتىر - تېخنىكا سىستېمىسىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا بۆسۈپ كېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىر خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەۋاتىدۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن «خىتاينىڭ قولىنى ئۇزۇن سوزۇۋاتقانلىقىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلدى. ب ب س مۇ «خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە يولغا قويماقچى بولغان كەڭ لېنتىلىق ئۇچۇر ئالاقە تورى چەكلەندى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلدى. بۈگۈن خىتايدا شەخسىيلەر بۇ ھەقتە يازغان ئوبزورلارمۇ كۆپ.