خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتلەر

15-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى «خەلقئارا شەھەر تەرەققىيات تەتقىقاتى» دەپ ئاتالغان بىر ئورگىنى، «جۇڭگودا زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغان 9 زىددىيەت» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار كۆپەيمەكتە.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «خەلقئارا شەھەر تەرەققىيات تەتقىقاتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، «جۇڭگودا زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغان 9 زىددىيەت» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاي ۋەزىيىتىدە زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى خەلق ئىچىدىكى نارازىلىق مەسىلىلىرىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

دوكلاتتا خىتايدا زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان 9 مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايدىكى يەر ئىگىلىۋېلىش ۋەقەسى، تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئىگىلىۋېلىنغان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق مەسىلىسى، بايلىقلارنىڭ ئىگىلىۋېلىنىش مەسىلىسى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەسىلىسى، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى، بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى، قەرز مەسىلىسى ھەم ياقا يۇرتلۇقلار بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەگەر مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا ئومۇمىي خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، پۈتكۈل خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلات خىتايدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىللىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئورگانلار ئارقىلىق خىتاي جەمئىيىتىنى تەكشۈرۈشى، نۆۋەتتە ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئېلشات ئەپەندى ئۆز مۇلاھىزىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەسىلىلەر بىلەن خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە، تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەھلىلدە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئېتىبار بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالار رايىغا ئېتىبار بەرمىگەنلىكى ھەم خىتايدىكى بايلىقنىڭ ئاز ساندىكى مەنپەئەتدار گۇرۇھ قولىغا مەركەزلىشىشىگە چەكلىمە قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى بارغانچە كۈچىيىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئېلشات ئەپەندى بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بۇ خىل زىددىيەتنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ مۇقەررەر ھالدا دېموكراتىيىلىشىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى تارىخى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنالىسا، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.