ئىككى چوڭ يىغىننىڭ «داغدۇغىسى» غا دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قىزىقمىدى

خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدىكى ھەشەمەتلىك پائالىيەتلەر دۇنيادىكى چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېچقايسىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇچۇرچىلىكمۇ قىزىقتۇرالمىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.03.05
wen-jiabao-jyabaw-ikki-chong-yighin-305.jpg ئىككى چوڭ يىغىندا ۋېن جياباۋ سۆز قىلماقتا. 2012-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ.
AFP

ئەمما دۇنيادىكى بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھازىر خىتايدا ئېچىلىۋاتقان بۇ ھۆكۈمەت يىغىنىنى ئەمەس، خەلقنىڭ بۇ يىغىنغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا باشلانغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇنى داغدۇغىلىق يىغىن، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتۇپ بەرگەن يىغىن.... دەپ تەسۋىرلەپ خەۋەر ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۇ يىغىننىڭ داغدۇغىسى دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېچقايسىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇچۇرچىلىكمۇ قىزىقتۇرالمىدى. ئۇلار ھازىر خەلقنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنىلا خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.

«ب ب س» بۈگۈن خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ۋېن جياباۋنىڭ دوكلاتى دوراپۇرۇچنىڭ سەكسەن خالتىسىغا ئوخشايدۇ» دېگەن باھاسىنى ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى قىلدى. بۇ ماقالىدە، ۋېن جياباۋ دوكلاتىدا ساپلا، شەھەرلەردە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەم سانى 9 مىليوندىن ئارتۇق، ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى 4% ئەتراپىدا كونترول قىلىندى، ئېكسپورت 10% ئۆپچۆرىسىدە كۆپەيدى دېگەندەك ئېنىقسىز مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇ ئادەتتە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما بۇ ئىككى چوڭ يىغىندا پەقەت «ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش» دېگەننىلا تەكرارلىدى، ئۇنىڭ قانداق ئىسلاھات ئىكەنلىكى، قانداق ئېلىپ بېرىش لازىملىقى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى، ئۇنىڭ دوكلاتى قۇرۇق گەپ بىلەن تولدى، دەپ كۆرسەتتى.

«فرانسىيە ئاگېنتلىقى» بۇ ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ۋېن جياباۋنىڭ دوكلاتىدا بۇ يىل ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي خامچوتى «يەرلىك ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» كە ئىشلىتىلىدۇ، دېگىنى ئەمەلىيەتتە خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلارنى قوراللاندۇرۇشقا قوللىنىلىدۇ دېگىنى دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا يەنە، ۋېن جياباۋنىڭ «زېمىن ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلماسلىق» نى تەكىتلىشىنىمۇ، دەل يەر- زېمىن ۋە بايلىق دۆلەتنىڭ دېگەن قانۇننى تەكىتلىگەنلىكى، ھېچقاچان خەلقنىڭ زېمىن ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى بۈگۈنكى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغان بىخەتەرلىك خادىملىرى بىر «ۋەكىل» گە 140 تىن توغرا كېلىدۇ دەپ كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى چوڭ يىغىننى باھانە قىلىپ بېيجىڭدا پەيدا قىلغان جىددىي ھالەتلەرنىڭ نەق مەيداندىن تارتىلغان رەسىملىرىنىمۇ ئېلان قىلدى.

«بوشۇن» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن، گەرچە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما يىغىن يەنىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 9 نەپەر دائىمىي ئەزاسىنىڭ ئوبرازى، ئاۋازى ۋە ئۇنى ماختايدىغان قۇرۇق گەپ بىلەن تولغان يىغىن بولدى. بۇ يىغىنغا قاتناشقان «ۋەكىل» دەپ ئاتالغانلار، خۇددى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ئېيتقاندەك، كوممۇنىست پارتىيە ياسىۋالغان قورچاق ياكى تەشتەكتىنلا ئىبارەت.

«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ بايان قىلىشىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى لى جاۋشىن بۇ قېتىم يەنە، ئۆزىنىڭ مېڭىسىگە ئورناپ كەتكەن دېموكراتىيىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىماي قالمىدى. ئۇ، خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەكشى ئەمەس، بەزى جايلاردا قاتناش قۇلايلىق ئەمەس، قاتناش قۇلايسىز جايدا بىۋاسىتە سايلام ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ دەپ جاكارلىغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭى چېگرا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ جژ بۈگۈن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا، ھۆكۈمەت ھېچقاچان خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىگىنى يوق دېگەن. شۇنداقلا ئۇ قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە توختالغاندا، يېڭى چېگرادىكى مىللىي توقۇنۇشنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر يېڭى چېگرادا ۋەزىيەت مۇقىم، ھەيران قالغۇدەك بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىدى، قاراقچى دېگەن ھەممە دۆلەتتە بار، دېگەن.

ئەمما رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ جام مەھەللىسىدىكى ساقچى پونكىتىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ناھىيىدە ئۆتكەن ھەپتىدە «قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرى» دېگەن نام بىلەن قەدىمكى كىتابلارنى كۆيدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ساقچى يەنە، كۆيدۈرگەن قۇرئاننىڭ قانۇنسىز ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخا ياكى باشقا يېزىقتىكى نۇسخا ئىكەنلىكىگە قاراپ بېكىتتۇق دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.