ئىلھام مەخمۇت ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى

6 - ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىنىڭ خىروشىما ئارىلىدىكى تىنچلىق خاتىرىسى باغچىسىدا، خىروشىمانىڭ ئاتوم بومبىسى زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى خاتىرىلەش، ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە شۇنىڭدەك دۇنيانى تىنچلىققا چاقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتوم پارتلىغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خەلق ئىكەنلىكى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى تەرىپىدىن بىر قانچە پائالىيەتلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە يە نى، 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتى كېيىن بىردە، ياپونىيىنىڭ خىروشىما ئارىلى،ئامېرىكا ھەربىي قىسملىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن "ئوغۇل بالا"ناملىق ئاتوم بومبىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراپ، مىنۇت ئىچىدە ئىككى يۈز مىڭ بىگۇناھ ئادەم جېنىدىن جۇدا بولدى، خىروشىما پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىپ خارابىلىققا ئايلاندى. خىروشىما شۇندىن بۇيان يەر شارى يۈزىدە ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق ئىنساانلارغا قارىتىلغان ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە غايەت زور قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىرىنچى شەھەر بولۇپ قالدى، ھالبۇكى خىروشىما بىردىن ‏ - بىر ئاتوم زەربىسىگە ئۇچرىغان جاي ئەمەس، يەنى1945 - يىلى 9 - ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى شەھىرىمۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن يەنە بىر ئاتوم بومبىسى تەرىپىدىن ئوخشاشلا خانى ۋەيران قىلىندى. 6 - ۋە 9 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيە خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ ئالەمچە ئېچىنىش بىلەن ئەسلىنىپ كېلىۋاتقان پاجىئەدۇر.

ياپونىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى بالايى - قازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق ‏خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ياپونىيە باش ۋەزىرى تارو ئاسو قاتنىشىپ، ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ خىروشىما، ناگاساكى، كاگوشىما، كومامىتو قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلىرىدە، ئاتومنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ پۇرسەتتە يەنە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇرلار ھازىر ھەم ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بىز خىروشىمادا ئاتوم بومبا پارتىلىغانلىقىنىڭ 64 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ھەم ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ جەرياندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خىروشىمادا پائالىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىلھام ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، 9 - ئاۋغۇست ناگاساكى شەھىرىدىمۇ، ئاتوم بومبىسى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، ئىلھام ئەپەندى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمدى ناگاساكىغا قاراپ يول ئېلىش تەييارلىقىدا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.