ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاتىكەم روزىنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى
2012.12.20

ئىلھام توختى ئەپەندى باياناتىدا ئاتىكەم روزىغا ئوخشاش پاسپورت ئېلىشى رەت قىلىنىۋاتقان ئەھۋالغا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى يولۇققانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، خىتايدا بەلگىلەنگەن پۇقرالار ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنلاردىن ئۇيغۇرلار بەھرىمەن بولالمايۋاتقان ئەھۋاللارغا قارىتا، نۆۋەتتە ئاتىكەم روزىغا ئوخشاش قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يۈزلىنىشكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، يېقىندىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاتىكەم روزىنىڭ پاسپورت ئېلىشى رەت قىلىنغان ئەھۋالنىڭ بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى تەس بولۇشىغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپ قىلمىش بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ۋە ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى ئىسلاھات تەرەپدارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، ئىلگىرى پاسپورت ئېلىشى رەت قىلىنغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەر ھەم بۇ ھەقتىكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن كېيىن، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى پاسپورت بېجىرىش ئورۇنلىرىدىن پاسپورتىنى قايتا بېجىرسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتىكەم روزىغا ئوخشاش قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزى يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. ئاتىكەم روزى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا يولۇققان ناھەقچىلىكلەرگە قارىتا «سىنا» مىكرو بلوگىغا پىكىر يېزىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى شۇنداقلا خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە بېيجىڭ شەھەرلىك پاسپورت بېجىرىش ئورنىنىڭ بىر ئايال ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىش ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭ پۇقرالىرى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا، بۇنى بىزنىڭ بېيجىڭ تەرەپ قارار قىلمايدۇ. بىز شىنجاڭ تەرەپنىڭ ساقچى ئورگىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىمىز ۋە شۇنىڭغا قاراپ جاۋاب بېرىمىز» دېگەنلىكى، ئاتىكەم روزىنىڭ بولسا پاسپورت بېجىرگۈچى خادىمدىن ئۇنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ رەت قىلىنىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە يازما ئىزاھات تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاتىكەم روزىنىڭ پاسپورت ئېلىشى رەت قىلىنغان ئەھۋالنىڭ، پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان باراۋەرسىز سىياسەت سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قايتا ئويلىنىش ھەم تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.