كەچكۈزدىكى قار ئارىلاش يامغۇر ئىلى دېھقانلىرىنى ھالسىراتتى

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى تەۋەسىدە ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان يامغۇر ئىككى كۈندىن بۇيان قار ئارىلاش يامغۇرغا ئايلانغان. دېھقانلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەھۋال، قوناق قاتارلىق زىرائەتلىرىنى تېخى يىغىۋالالمىغان، بۇلتۇرقى يامغۇر ھەم قار ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلىرىنى ياساپ بولالمىغان ئىلى دېھقانلىرىغا تېخىمۇ زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.29
Ghulja-tekestiki-apetke-uchrighan-yezidin-bir-korunush-305 26 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ 28 - ﺋﯩﻴﯘﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ، ﺗﯧﻜﻪﺱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1311 ﺋﯚﻱ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺩﯨﻬﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
http://211.138.34.66/news ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئىلى ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل كەچ كۈز مەزگىلىدە ئىلى رايونىدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. ئىلى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە بۇ يىلقى يامغۇرلۇق ھاۋارايىغا قارىتا، ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلار ئۇچراۋاتقان زىيانلار ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار بولسا، بۇ يىل كۈزدىكى يامغۇرنىڭ ئىلى دېھقانلىرىغا يېڭى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان بۇ يىلقى يامغۇرنىڭ دېھقانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىدىن كەم بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر يېزىدا يەنە 50%تىن كۆپرەك دېھقاننىڭ قوناق قاتارلىق زىرائەتلىرى تېخى يىغىۋېلىنمىغان ھالەتتە بولۇپ، نۆۋەتتە ھەپتىدىن بۇيان پىلاستىك يوپۇق يېپىلغان بۇ قوناقلارنىڭ دىمىقىپ قايتا بىخلاپ كېتىش ياكى كۆكىرىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال دېھقانلارنىڭ قوناقتىن كىرىم قىلىش ئۈمىدىنىمۇ يوققا چىقىرىش ئالدىدا ئىكەن.

بۇ دېھقان يەنە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان توختىماي ياققان يامغۇرنىڭ، ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز سوۋۇپ كېتىشى بىلەن قار ئارىلاش يامغۇرغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ يازىچە قۇرۇلۇش قىلىپ، بۇلتۇرقى قار ھەم يامغۇر ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلىرىنى ياساپ ھالىدىن كەتكەن دېھقانلارنىڭ ياساپ بولالمىغان ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىپ، دېھقانلارغا يەنە يېڭى زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى تەۋەسىدە ياققان يامغۇر بىرنەچچە كۈندىن بۇيان قار ئارىلاش يامغۇرغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال دېھقانلارنى ئېتىزدا قالغان قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى يىغىۋېلىشقا ھەم خامانغا دۆۋىلەپ قويۇپ سېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇۋىتىلغان قوناقلارنى تاغارغا قاچىلاشقا ئىمكان بەرمىگەن.

بۇ خانىم يەنە، ھۆكۈمەت گەرچە دېھقانلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ھەم بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەرگىلا تايىنىپ قالغان، باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ يەنىلا ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە بولۇپمۇ بۇلتۇردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يامغۇر ھەم قار ئاپىتىنىڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ ھالسىراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر زىيالىي ئۆز بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش"، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەر ئۈستى يەر ئاستى كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، رايوندا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ، شىركەتلەرنى قۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن يەنىلا كۆچمەن خىتايلار نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،‏ -- قاراڭ، تاغلىرىمىزدا كانلار ئېچىلىپ، چارۋىچىلار مال بېقىشقا ئامالسىز قالدى. دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرى سېتىۋېلىپ ساياھەت رايونلىرى قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ كانلاردا، ساياھەت مەركەزلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ دېھقان، چارۋىچىلىرىمىزغا ئىشلىگۈدەك ئىش يوق. مانا ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆز جېنىنى بېقىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان ئاشۇ ئازغىنا يەرلىرىدىكى زىرائەتلىرىمۇ مۇشۇنداق تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك يولى ئۈزۈۋېتىلمەكتە، ‏-- دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.