ئىران-ئەرەب مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىشلەر
2012.04.19

ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەرەبلەر ئىراننى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالدى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن، ئىران رەئىسى ئەھمەدى نىجادنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش ماۋزۇسى بولۇپ قالغان ۋە ئىراننىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان كىچىك بىر ئارالنى زىيارەت قىلغانلىقى ئەرەبلەرنىڭ غەزىپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇ ھەقتە ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرى بايانات ئېلان قىلغان.
لوندوندا چىقىدىغان ئوتتۇرا شەرق گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 17-ئاپرېل سانىدا، مىسىرلىق يازغۇچى ئابدۇساتتار ھەتىتە دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «ئىران-ئەرەب مۇناسىۋىتى قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئىران ئەرەبلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى پات-پات سۆزلەپ قويىدۇ. ئەمما تۇرماستىن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەرەبلەرگە نىسبەتەن ئەكس تەسىر بەرمەكتە. مەسىلەن: مىسىر بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى. يېقىندىن بىرى ئىرانلىقلار مىسىرلىق مۇخبىرلارنى تېھرانغا دەۋەت قىلىپ ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتى. ئەمما كۆپ نەتىجە قازانغاندەك ئەمەس. مىسىرلىقلار ئىران بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ شەرتلىرىنى ئىران تەرەپكە يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ شەرتلەرنىڭ بېشىدا ئىران ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىران بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلغان ئەمەس. بۇنى ئاز دېگەندەك، مىسىردا پات-پات ئىراننىڭ جاسۇسلىرى پاش بولۇپ تۇرىدۇ.»
ئىران مىسىرغا يېقىنلاشماقتا
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىردا مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئۆرۈلگەندىن كېيىن، ئىسلام دۆلەتلىرىدىن مىسىرغا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىراندۇر. ئەمما ئىراننىڭ ساداقىتىدىن شەكلىنىۋاتقان مىسىر خەلقى ئىرانغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. مىسىردىكى ئىسلامى ۋە خرىستىئان جامائەتلىرىمۇ قىزغىن ئەمەس. چۈنكى ئىران خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىغان ۋە قوشنا دۆلەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى بولالمىغان بىر دۆلەت بولغانلىقتىن، ئىرانغا يېقىنلاشماقچى بولغاندىمۇ ئېھتىيات بىلەن يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ئىران رەئىسى ئەھمەدى نىجادنىڭ 1971-يىلى ئىرانغا قوشۇۋالغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ مۇسا ئارىلىنى زىيارەت قىلىشى ئەرەبلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويدى. ھەتتا بۈگۈن قاتاردا توپلاشقان ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ بۇ ئىشنى ئەيىبلەشتى.»