5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئىراق پارلامېنتى كۈن تەرتىپىدە

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغاندىن سىرت، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىراق تۈركمەن پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزىئوغلۇ ئىراق پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنى خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-08-28
Share
Iraq-Turki-Fewzi-ekrem-terzioghlu-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺮﺍﻕ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻓﻪﯞﺯﻯ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺗﻪﺭﺯﯨﺌﻮﻏﻠﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئىراق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپى بۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ چاقىرىقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئىراق پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزىئوغلۇ سۆزىدە يەنە دۇنيادىكى ئاتمىشقا يېقىن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت