بۇ سايلامغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھەر قايسى سىياسى پارتىيىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە پۈتكۈل سىياسىي پارتىيىلەر ئۆزلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىش، سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەرنى باشلىۋەتتى.
2009 - يىلى 28 - فېۋرال كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىسىدىن بىرى ھېسابلانغان سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى تەنتەربىيە زالىدا كەڭ كۆلەملىك يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا "سائادەت پارتىيىسى ياشلار كېچىسى" دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىن زالىغا پاتمىغان مىڭلىغان شەخس ئاياقتا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، 1997 - يىلى 28 - فېۋرال كۈنى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن رىفاھ پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمىتى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ۋە رىفاھ پارتىيىسىگە چەكلىمە قويۇپ تاقىۋېتىلگەن تارىخىي كۈننى ئەسلەش، شۇنداقلا 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۈركىيىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يەرلىك سايلامدا سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن شەخسنى سايلامدا، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئىكەن.
يىغىندا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش، سائادەت پارتىيىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن پروفېسسور دوكتور مەھمەت بەكارئوغلۇ، تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە مىللى كۈرەش تەشكىلاتىنىڭ روھانىي لىدېرى، سائادەت پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پروفېسسور دوكتور نەجمىدىن ئەرباكان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.
1997 - يىلى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رىفاھ پارتىيىسىگە چەكلىمە قويۇلۇپ ئارمىيە تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەزكۇر پارتىيىنىڭ نەجمىدىن ئەرباكان قاتارلىق ئاساسى قاتلام ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى سائادەت پارتىيىسىنى قۇرغان ۋە ھازىر بۇ پارتىيىنىڭ بايرىقى ئاستىدا سىياسىي پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىلدىكى سايلامدا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار سايلامدا قايسى پارتىيىگە بېلەت تاشلايدۇ؟ ئۇلار بېلەت تاشلىغان پارتىيىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.