شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇر پېشقەدەم، مويسىپىتلەر ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
بۇ ئىپتار زىياپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پېشقەدەم مويسىپىتلەر، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولدى.
شۇ كۈنى يەنە، ئىپتار زىياپىتىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان.
ئىپتاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
بىز ئىپتاردىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.