ئىستانبۇلدا خانتەڭرى ساداسى شېئىرىيەت كۈنى

شائىرلار مىللەتنىڭ ساداسى شائىرلار مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا قايغۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چارە ئىزدەيدۇ، شائىرلار ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن خەلقنى ھەقىقەتكە ئۈندەيدۇ، خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ ئىلىم ‏ - مەرىپەتكە چاقىرىدۇ.

0:00 / 0:00

يېقىن تارىخقا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن شائىرلار يېتىشپ چىققان، خەلقنى ئويغىتىپ ئىلىم ‏ - مەرىپەتكە تەرغىب قىلغان، ھەتتا زۇلۇمغا قارشى كۆرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ شېئىر يازغان مەمەتئېلى تەۋپىق، لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، بىلال ئەزىزى قاتارلىق ئوت يۇرەك شائىرلار يازغان شېئىرلىرى سەۋەبىدىن زالىم ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا قايغۇرىدىغان، ۋەتەن مىللەتنى كۈيلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلار ئاز ئەمەس.

2009 ‏ - يىلى 5 ‏ - ئاينىڭ 9 ‏ - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋەخپىنىڭ يىغىن زالىدا "خانتەڭرى ساداسى شېئىرىيەت كۈنى" يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر شائىرلار شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ شېئىر ۋە شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ مىللەتنى يېتەكلەشتىكى رولى ھەققىدە سۆز قىلدى.

يىغىندا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلار ئارقا ‏ - ئارقىدىن مۇنبەرگە چىقىپ ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. شائىرە سىيتىنسا لوقمان ئۆزى ئىجاد قىلغان، 'ئالدىدا'، 'قورقمىساق'، دېگەن تېمدىكى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى، شائىر مەھمەتئىمىن پوسما ئۆزى يازغان 'ئەۋلادىمغا بىر سۆز' ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى، كېيىن شائىر مىركامىل قەشقىرىينىڭ 'مۇساپىر روھ' ، 'ئۆزلۈكىنى تونۇش'، 'سەبىيلەر ساداسى' قاتارلىق شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىندى. شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك 'ئۇيغۇرۇم'، 'كىمسەن'، 'ۋەتەن ساڭا خاس' قاتارلىق شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى، شائىر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئۆزى يازغان 'ۋەتىنىم سېنى سېغىندىم'، ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. كېيىن مېھرىئاي ئىسىملىك ئوقۇغۇچى مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ 'ياتلاشتۇق' ناملىق مۇخەممەسىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. كېيىن زەينۇرە ئۆزتۈرك ئۆزى يازغان 'كۆرمىگەن' ، 'دەرتمەن قەلبى' تېمىلاردىكى ئىجادىيەت شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ يىغىندا شېئىر ئوقۇغان شائىرلارغا يوقىرى باھا بەردى ۋە يىغىندا تەقدىم قىلىنغان شېئىرلارنى تاللاپ شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىلدىكى ئەدەبىيات ‏ - سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈردى. يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.