قەشقەردە 13 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنى سىچۇەنلىك بىر خىتاينىڭ 8 ئىتى تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن

قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىدا 2008 ‏- يىلى، 13 ياشلىق ئۇيغۇر قىز زورىگۈل سەپەرنى، سىچۇەنلىك بىر كۆچمەننىڭ ئىتى تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سىچۇەنلىك كۆچمەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمىگەندىن سىرت يۇرتىغا قېچىپ كېتىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ئائىلىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، قەشقەردىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىنى باسقان ۋە جاۋابكار خىتاي كۆچمىنىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە كۆز يۇمغان.

ۋەقە 2008 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 8 - كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن. 13 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى زورىگۈل سەپەر، بىر خىتاي كۈچمەننىڭ نامەلۇم مەقسەتتە بېقىپ يېتىشتۈرۈۋاتقان 8 ئىتىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن.

زۆرىگۈل دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ بىرقانچە سائەتتىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. دائىرىلەر 13 ياشلىق زورىگۈلنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى 16 مىڭ يۈئەن تۆلەم بىلەنلا بېسىقتۇرۇۋەتمەكچى بولغان.

ئادەتتە سىياسىي ۋەقە گۇماندارلىرىنى ھەرقانداق يەردىن تاپالايدىغان ۋە چېگرا ئاتلاپ تۇتۇپ ئەكىلەلەيدىغان خىتاي ساقچىلىرى، زورىگۈل سەپەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارىنى ھازىرغىچە تاپالمىغان ۋە ئۆز تېررىتورىيىسى بولغان سىچۇەندىن تۇتۇپ ئەكىلەلمىگەن.

نۆۋەتتە دەۋاگەر سەپەر مامۇت ۋە ئايالى نىيازگۈل مانا بۇ ھەقسىزلىققە قارشى ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.