ئۇلغىيىۋاتقان جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار

جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىكنامىسى تەشۋىقات تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەزكۇر گېزىتنىڭ بىر تۈركۈم مۇخبىر ۋە تەھرىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.08
jenubiy-junggo-heptilik-geziti-namayish-305.jpg نامايىشچىلار «جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى» ژۇرنالىستلىرىغا ئۇچۇر ئەركىنلىكى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 2013-يىلى 8-يانۋار، گۇاڭجۇ.
AFP

گېزىتنىڭ يەنە بىر تۈركۈم مۇخبىر ۋە تەھرىرلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئاخبارات چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ۋەقەنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

ئەسلىدە جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى چاقىرىق قىلىنغان. تەشۋىقات تارماقلىرى تەبرىكتىكى بۇ چاقىرىقنى چىقىرىۋېتىپ، ئورنىغا كومپارتىيىنىڭ نەتىجىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان.

مەزكۇر گېزىت مۇخبىر ۋە تەھرىرلىرى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قوللىغۇچىلار ھەر ساھەگە كېڭىيىپ، ھەر ساھە كىشىلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق، مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان. تۈنۈگۈن بىر تۈركۈم كىشىلەر جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى قورۇسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، خىزمەت تاشلىغان مۇخبىر ۋە تەھرىرلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

تۈنۈگۈن يەنە بېيجىڭ، فۇجيەن، جياڭسۇ، شاڭخەي، چېڭدۇ ۋە جېجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ گېزىتخانىلار ئالدىدا شۇ جايدىكى ئەركىنلىك تەرەپدارى كىشىلەر توپلىنىپ، جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار قوللىرىدىكى لوزۇنكا ۋە توۋلىغان شوئارلىرى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئاخبارات چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە يەنە خىتايدىكى بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەر ۋە كىنو چولپانلىرى ئۆز توربەتلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرىغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. كىنو چولپانلىرىدىن لى بىڭبىڭ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «زىمىستاننىڭ بالدۇرراق كېتىشىنى، باھارنىڭ تېزرەك كېلىشىنى خالايمەن» دېگەن. مەشھۇر ناخشىچى چېن كۈن بولسا «قەلبىم جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتىدىكى دوستلار بىللە» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. 3 مىليوندىن ئارتۇق توردىشى بولغان چولپان ياۋ چېن، «بىر جۈملە راست سۆزنىڭ سالمىقى دۇنيانىڭ ئېغىرلىقىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ ساپ ئاخباراتچىلىق ئىستىلىغا مەدھىيە ئوقۇغان.

مەزكۇر ۋەقە نۆۋەتتە تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى خىتايلار، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. بۈگۈن تەيۋەن مەدەنىيەت مىنىستىرى جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىگە مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنىڭ يالغۇز خىتايدىلا ئەمەس، تەيۋەندىمۇ زور ئىناۋەتكە ۋە ئىشەنچكە ئىگە بىر ئاخبارات ئورنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ۋەقەنى ئاقىلانىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان. خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتىمۇ بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ تەلىپىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ۋە ھەققانىي بىر تەلەپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا يەنە، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35-ماددىسى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي دۆلىتىنى پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك بىرلىكسەپ تەشكىلاتى بۈگۈن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئاخبارات چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ ھەققانىيەتچىلىك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇغان. خىتاينى پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. خىتاي تاشقى ئىلار باياناتچىسى بۈگۈن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدا ئاخبارات چەكلىمىسى يوقلۇقىنى، پۇقرالارنىڭ ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا دەۋەت قىلدى.

بۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىدىن يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتە بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، جەنۇبى جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى ۋەقەسىنىڭ ياسالما بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنى ئۇلغايتىۋاتقانلارنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئاساسى قىسمىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. دائىرىلەر بۇ ئوبزورنى ھەرقايسى گېزىت، ژۇرناللارنىڭ كۆچۈرۈپ بېسىشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئوبزورنى كۆچۈرۈپ باسقان بەزى مەتبۇئاتلار، كىرىش سۆزلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىزلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي توربەتلىرىدە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، بىر تۈركۈم كومپارتىيە تەرەپدارى كىشىلەرمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە مەزكۇر گېزىتخانا خادىملىرىنى ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى باشلىقى خۇ چۈنخۇا ۋەقەگە بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، ئىش تاشلىغان مۇخبىرلارنى ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىشكە ۋە گېزىتنىڭ نەشرىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان، ئۇ يەنە ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

نۆۋەتتە بۇ ۋەقە رويترىس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە ب ب س قاتارلىق داڭلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىگە ئايلانماقتا ۋە خىتايدا 1989-يىلدىن بۇيان مۇخبىرلارنىڭ تۇنجى قېتىم رېجىمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.