كانادادا 'خىتايدا ئېتىقاد ۋە پۇقرالار ھوقۇقى' تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن

5 ‏- ئاينىڭ 30 - كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە جايلاشقان يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزى، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى نوكس ئىنىستىتۇتى مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى، ھۇدسون تايلور خىتاي ئىشلىرى مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ۋە پۇقرالار ھوقۇقى دېگەن تىمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009.06.03
kanada-rukiye-pegy1-305 ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﭘﯧﮕﮕﻲ ﻧﺎﺵ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪﻩﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Kamil Tursun

مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي ئىشلىرى پروفېسسورلىرى، دۆلەت ئەرباپلىرى، ئادۋوكاتلار، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، كانادادىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە ھوقۇق قوغداش جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى فالۇڭگۇڭ ئىلمىي جەمئىيىتى خادىملىرى، تىبەتلىكلەر، كاتولىك مۇرتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇشمۇ قاتناشتى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى دىنىي ۋەزىيەت ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.