5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرى يەنىمۇ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا

ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن يات مەسىلە ئەمەس،شۇنداقلا بۇ مەسىلە ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن ئېغىرلاۋاتقان مەسىلە ھەم نۇرغۇن نارازىلىقلارغا باغلىنىشلىق ۋەقەلەردە بىۋاستە رول ئويناۋاتقان نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.06.17
Xitay-saqchi-adem-olturgen-meydanda-urumqi-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا دائىر بەزى بىر ھۆججەتلەرنى تارقاتماقتا، ئەپسۇس مەزكۈر ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى ئەمەلىيەتتە، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن يەنىمۇ قاتتىق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

17 - ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ "ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بىرىمۇ يەردە قالماسلىقى كېرەك" دېگەن تېمىدىكى چاقىرىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتۇشتىن باشقا ئۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قىزىقتۇرۇش، ئېلىپ قېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپە ئۆتۈگىنىگە تېخى ئىككى ئاي بولمىغان جاڭ چۈنشەن بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 26 - ماي كۈنى يەنە، "تېخىمۇ ئىجابىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ تۈرلۈك چارە ‏- تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ستودېنتلار ۋە يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك،" دېگەن. ھەمدە، "بۇنىڭدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە تۈگىتىلىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەر بايقالسا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى 24 سائەتكىچە ھەل قىلىنىدۇ" دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۆججەت ھەم سىياسەتلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەزكۇر سىياسەتلەردىن يەنىلا ئىشسىزلىق ئەڭ كۆپ بولغان ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جاڭچۈنشەننىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقلىرىنىڭ يەنىلا خىتايلارغا قارىتىلىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولۇشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار خىتاي يۇرتلىرىدىلا ئەمەس، ئۆز يۇرتىدىمۇ تېخىمۇ ئېغىر كەمسىتىشكە دۇچار بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 26 - ئىيۇن شياۋگۇەن ۋەقەسى ھەمدە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدىن كېيىن يەنى 2009 - يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرگەن ئىدى،خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ھۆججەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك سىياسەت دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

شۇنداقلا بۇ ھۆججەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانا، قۇرۇلۇش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى قوبۇل قىلىدىغان ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 50% نىڭ يەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.