كىچىك ماھىرەنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

گەرچە بىڭتۈەندىكى خىتاي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى شۇنىڭدەك ئالىي مەكتەپنى خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان، شۇنداقلا، بىڭتۈەن شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئائىلىسىدە بىر بالا بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن مۇراتنىڭ ياردەم سۆيەرلىگى تۈرتكىسىدە، 500 مىڭ يۈەن داۋالاش ھەققى تەلەپ قىلىنغان ۋە خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان دېھقان پەرزەنتى ماھىرەگە ياردەم قىلىش پائالىيىتى نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى ‏- سىرتىدا قانات يايدۇرۇلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.30

بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا سىلەرگە مۇرات بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالتىشەھەر رەپ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ 100 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاپ، ماھىرەنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. يەنە 400 مىڭ يۈەننى تولۇق تەييارلاپ ماھىرەنى سەللىمازا ساقايتىشقا بەل باغلىغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

بىز مۇراتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر پائالىيەتتىن داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇراتنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مۇرات بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.