خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە ھارپىسى بەزى ئەرزدارلارغا پۇرسەت، بەزىلىرىگە تالاپەت ئېلىپ كەلدى
2011.06.30
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەرزدارلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە مۇھىم خىزمەت لاياقەت ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن؛ ئەگەر قايسى ئۆلكە ياكى ۋىلايەتتىن ئەرزدارلار بېيجىڭغا يېتىپ كەلسە، ھەتتا شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەن. مانا بۇ ھۆججەتنىڭ تەسىرى بىلەن يېقىندا يەر مەسىلىسى ھەل بولغان بىر ئەرزدار، مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ.
ئۆتكەن ئايدا رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ئانارگۈلمۇ، بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنالىغان ئەرزدارلاردىن بىرى. ئانارگۈلنىڭ بىر قىزى خرويىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ تيەنجىندە ئېتىلىپ كەتكەن، يەنە بىر قىزى بولسا ئوخشاش سەۋەب بىلەن يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىككى قىزىنىڭ داۋا ئىشلىرى بىلەن قورا-جايلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئانارگۈل بۇ قېتىمقى پۇرسەتتە يېڭى بىر ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولغان؛ ئىككى نەۋرىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈنمۇ نەپىقىگە ئېرىشكەن.
ئەمما ھەر قېتىم بولغىنىدەك، بۇ قېتىمقى ئەرزدارلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دولقۇنىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى ئەرزدارلارنىڭلا دەردىگە دەرمان بولالىغان. كۆپ ساندىكى ئەرزدارلار بولسا، بېيجىڭدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن.
يۇقىرىقىلاردىن ئايان بولۇشىچە، بەزى يەرلىك دائىرىلەر، بېيجىڭنىڭ ئارزۇسىنى، ئەرزدارلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى تۇتۇش، قايتۇرۇپ ئەكېلىش ۋە سولاش يوللىرى بىلەن قاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلغان. بېيجىڭ دائىرىلىرىمۇ بۇ ۋەزىيەتكە كۆز يۇمغان. بېيجىڭ ساقچىلىرى ھەتتا، يەرلىك ساقچىلارنىڭ بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنى مەجبۇرىي تۇتۇپ كېتىش زوراۋانلىقىغا ماسلىشىپ بەرگەن.
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، بېيجىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئەرزدارلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چاقىرىقى، خەلقنىڭ دەردىگە يېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، خەلقنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ۋە ئۆز بايرىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈندۇر. يەنە بۇ ۋەقەلەردىن، بېيجىڭ بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەنپەئەت ۋە ھەرىكەت ئورتاقلىقى ئايان بولماقتا.