ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار،ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتماقتا. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىل دېلېھۇنت ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر تارماق كومىتىتىنىڭ رەئىسى دانا روھراباكېرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قاتتىق بېسىمىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشتىراك قىلدى. ئاخبارات قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار بىزگە يىغىن ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن بىل دالاخانت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: " ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە خىتاي 156 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما بىزنىڭ ئالغان خەۋەرلىرىمىزدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ 500 گە يېتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. يەنە مىڭلىغان يارىدار تۈرمىلەرگە سولاندى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇلارغا دىنىي جەھەتتىن بېسىم قىلغاننىڭ سىرتىدا، تېنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان بىر نامايىشىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىمەكتە. يەنى خىتاي تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە رابىيە قادىر خانىمنى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى دەۋاتىدۇ. لېكىن بىز بىلىمىز، رابىيە قادىر خانىم ئۆز خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئاتىغان بىر ئايال. ئۇ دېموكراتىيىگە ئىشىنىدۇ ھەم تېنچلىقپەرۋەرلىك بىلەن خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ... مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى تېنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى قانلىق باستۇرۇشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى رابىيە قادىر خانىم دەپ كۆرسىتىشنى توختىتىشى كېرەك."
ئىككىنچى بولۇپ سۆز ئالغان ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى دانا روھراباكېر ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ ئەركىنلىكنى ياقلاش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى كىشىلەرنى ھەر دائىم قارشى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ دۇنياغا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دانا روھراباكېر ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنست تۈزۈمىدە ئېزىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىنسان ھەقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق قىلدى: "بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭمۇ بۇ قارار لايىھىسگە ئاۋاز قوشۇشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئەيىبلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا بۇرۇن ئۆزىنىڭ تۈرمىلىرىدىكى كىشىلەرنى خىتاينىڭ سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. شۇڭا بىزمۇ كوممۇنىست خىتاينىڭ بىزنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىمىزنىڭمۇ خىتاي تۈرمىلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز."
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن بېرى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا خەلقىدىن گۇناھسىز ئۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.