ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۈرەش ئاتاخاننىڭ 'شاۋگۇەن ۋەقەسى' ھەققىدىكى مۇراجىئىتى

گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھەرچىسىدىكى 'شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى'دا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى نەق مەيداندىن ئېلىنغان ۋىدىئولار ھازىر دۇنياغا ئاشكارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.30
uyghur-xitay-guangdong-toqunush-305 خىتايلار شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق فابرىكىسىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 26-ئىيۇن.
video.sohu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئۇنىڭدىكى كۈرۈنۈشلەر ۋە ئاۋازلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زاۋۇتتىكى ئۇيغۇرلار تۇرغان جايغا بېسىپ كىرگەن خىتايلارنىڭ ياش - قورامى ئاساسەن ئوخشاش، قوللىرىدا كۆتۈرۈۋالغان كالتەكلەرمۇ ئوخشاش، ئىش - ھەرىكىتىمۇ ئوخشاش، ئۇلار گۇاڭدۇڭ شىۋىسىدە ئەمەس، بەلكى شىمالىي خىتايچە شىۋىدە سۆزلەپ 'تېخىچە ئۆلمەپتىغۇ، ئۇرە-ئۇرە ' دەۋاتىدۇ.

ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە بىر سىياسىي، تارىخىي، ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ھادىسە.

كۈرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خەلقئارادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ، خەلقئارا سوتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىش كېرەك.

كۈرەش ئاتاخان بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلدى.

كۈرەش ئاتاخان يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 ‏- يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مائارىپ ۋە ئېشىنچى ئەمەك كۈچىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتايلارنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنى 'يۇرتىمىزدىن چىقىپ كەتسۈن'، بولمىسا 'قىرىپ تاشلايمىز' دەپ قىلىۋاتقان تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەسكەرتىش:   بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى Youtube.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى Youtube.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.

كۈرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان كىشى ۋاڭ لېچۇەن.

يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ئەپو سورىشى كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.