ئۆتمۈشكە نەزەر سالغان ھالدا، شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ غۇلىشى بىلەن ئۇنىڭ زېمىنىدا سېرىب، خورۋات ۋە سلاۋىيانلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلىتى قۇرۇلغان ئىدى. بۇ دۆلەت 1918 - يىلدىن 1941 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولسا، سوتسىيالىزىم يولىنى تاللاپ ئالغان يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى مەيدانغا كەلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بالقان يېرىم ئارىلىقىغا جايلاشقان مەزكۇر دۆلەت مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۈزۈل - كېسىل گۇمران بولۇپ، سېربىيە، قارا تاغ، خورۋاتىيە، سلوۋېنىيە، ماكېدونىيە، بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا قاتارلىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر بارلىققا كەلگەن.
سېربىيىنىڭ تەركىبىدە ئاپتونوم ئۆلكە شەكلىدە بولغان كوسوۋادا ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سېرب ۋە ئالبانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىش جەريانىدا بۇ يەرگە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدا ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش كۈچلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىدى. نەتىجىدە، كوسوۋا 2008 - يىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.
مەلۇماتلارغا، قارىغاندا كوسوۋانىڭ زېمىنى 10 887 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2.2 مىليوندىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە ئاھالىنىڭ 90 پرسەنتىنى ئالبانلار، قالغىنى سېربلار، سىگانلار بوسنىيىلىكلەر، تۈركلەر ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.
خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلانىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈمنىڭ چىقىرىلىشى دۇنيا كۆزەتكۈچىلىرىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا قىلماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى كوسوۋا مەسىلىسىگە باغلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سەلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.