كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ھايات (1)

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، ئىنساننىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدۇ، ئەمما ھايات قەدىرلەنسە ئۇنىڭدىن تىللاردا داستان بولغىدەك چەكسىز قىممەت يارىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋالقى 29 - ئۆكتەبىر كۈنىدە ئارىمىزدىن خۇددى تۇيۇقسىز ساقىغان يۇلتۇزدەك غايىپ بولغان مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ شانلىق ھاياتى مانا شۇنداق قەدىر - قىممىتىنى تاپقان ھەقىقىي ھايات ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2008.10.28
Kuresh-kosen-rfada-305 ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﺋﻮﻣﯩﺰﻧﻰ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

ئۇنىڭ ئۆلۈمى شەرقىي تۈركىستان كۈرەش تارىخىغا بىر بوشلۇق قالدۇرۇپ كەتكەن،ئۇنى سۆيگەن، قەدىرلىگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك جۇدالىققا چۆمدۈرگەن ھەسرەتلىك بىر ئۆلۈم ئىدى. 1959 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ھايات تارىخى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تاكى ۋاپات ئەتكۈچە ھايات، ئىلىم ۋە ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىش،تىرىشىش،توختىماي كۈرەش قىلىش ۋە نەتىجە يارىتىش بىلەن تولغان جەڭگىۋار ۋە مەزمۇنلۇق ھايات ئىدى.

مەرھۇم ھايات چېغىدا ۋەتەن ئىچىدە ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى ئاجايىپ تالانتى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ نام چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت ساھەسىنى ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر مىنۇت ئەركىنلىك ئۈچۈن بولىدىغان كۈرەشكە تەييار بولۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئۇ ياۋروپاغا سىياسىي كۆچمەن بولۇپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈك ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كېيىن باش رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەندىن باشقا، غەرب شامىلى ژۇرنىلىنى نەشر قىلىش، ھۆر ئۇيغۇر رادىئوسىنى ئاڭلىتىش، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تور بىتى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى تور بىتى بولغان دۇتتار تور بېتىنى ئەتراپىدىكى ئىستېداتلىق ياردەمچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ياساش قاتارلىق تۈرلۈك ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغان ئىدى.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى يەنە، دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىش ئۈچۈن يىللاپ ئىزدىنىپ،ئامېرىكا،كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە زىيارەتتە بولۇپ ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇچۇن ئىقتىسادى مەنبەگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى مەرھۇمنىڭ ئۆمرى ئۆزى زور ئەجىر قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمگەك مىۋىسىنى كۆرۈشكە يار بەرمىدى.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى شىۋېتسىيىنىڭ ئەسكۇلىستۇنا شەھىرىدە ياشاۋاتقان مەزگىلىدە بىر ياقتىن ۋەتەن دەۋاسى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن كومپوزىتورلۇق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ بارلىق دولان،قۇمۇل مۇقاملىرىنى يېڭىدىن رەتلەپ نوتىغا ئېلىش، قەشقەر، ئاتۇش، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى قايتىدىن ئېيتىپ يېڭىدىن ئۈنگە ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ۋە بۇنىڭدىن 3 ئۈن CD لىنتىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتتۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ 12 توملۇق ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا قامۇسى تەييارلاپ شىۋېتسىيە دۆلەتلىك موزىيىغا تەقدىم قىلىشتەك زور پىلانى بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئوركېستىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورۇندىغان شەرقىي تۇركىستان ئىستىقلال مارشى دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىز ئۈچۈن ئەڭ زور مۇزىكا بايلىقى سۈپىتىدە مىراس بولۇپ قالدى. مەرھۇم ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن مۇقىم خىزمەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى ئۈچۈن يېتەرلىك شەرت ‏ - شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن ۋە زور دىققەت ئېتىبارغا ئېرىشكەن ئىدى.

خۇددى كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ھايات چېغىدا ئېيتقىنىدەك، كۈرەش ئۆلمەيدۇ! ئۇ تاكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاسمىنىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق جەۋلان قىلغانغا قەدەر، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى كۈرەش مارشى بىلەن ئويغىتىپ تۇرىدۇ!

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ھازىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن بولغان تېلېفون زىيارىتىمىزنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.