مارالبېشى ناھىيىسى ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى جازالىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.06.07
2010.06.07
AFP Photo
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىمتىيازلىرىدىن تولۇق بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان پەيتلەردە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، مارالبېشى ساقچى تارماقلىرىنىڭ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 32 ئايالدىن 2 سىنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى، قالغانلىرىغا 5000 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ئىقتىسادىي جازا بەرگەنلىكىنى پاش قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى. بىز ئۇ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مارالبېشى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشتۇق.
خىتاي ساقچىسى، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزنى ئاڭلاپلا، ناھايىتى كەسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: "خاپا بولما، بىز زىيارىتىڭنى قوبۇل قىلالمايمىز، سەن قەيەرنىڭ مۇخبىرى بولساڭمۇ ئاقمايدۇ."
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت سۆزىدە يەنە، مەزكۇر خەۋەرنى مارالبېشى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بىراق، مارالبېشى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خادىمى، بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنى بىزدىن ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مارالبېشى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ناھىيە ئاھالىلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆپ ئىزدەندۇق. نۇرغۇن ئۆيگە تېلېفۇنىمىز ئۇلاندى، ئەمما ۋاقىت پەرقى تۈپەيلى، تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى، تەسسادىپىي ئۇلىنىپ قالغان تېلېفوندا يەنىلا قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، نۆۋەتتە پۇقرالارنىڭ يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىرەر ۋەقەنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتچى دىلشات رېشىت ئەپەندى ئاشكارىلىغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتېرنېت مائارىپى توربېتى مارالبېشى شۆبىسىنىڭ خەۋىرىدە، ھازىرغا قەدەر ساقچى تارماقلىرىنىڭ 26 خىل ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 32 ئايالنىڭ قانۇنسىز، يەر ئاستى دىنىي ھەرىكىتىنى پاش قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.