خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا پارتلىغۇچى ماددا تاشلىغان مەمەت ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بىر كۈن قالغاندا يەنى 30 - سېنتەبىر كۈنى سائەت 18:45 دە، مەمەت ئۇيغۇر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۆزى ياسىغان پارتلىغۇچى ماددىنى تاشلىغاندىن كېيىن، قاماپ قويۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.30
MemetTursun-yotkeldi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۈچ ئايدىن بېرى ئەنقەرە سىنجان تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلغان مەمەت ئۇيغۇر بۈگۈن سوتقا چىقىرىلدى.

مەمەت ئۇيغۇر 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا ئەنقەرە سوت ئىدارىسىدا سوتلاندى. سوتقا ئەيىبلىگۇچى تەرەپنىڭ ۋەكىلى نېڭ جۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى قاتناشمىدى. بۇ سوتقا مەمەت ئۇيغۇرنىڭ ئايالى، 12 ياشتىكى ئوغلى مەردان، 6 ياشلىق قىزى مۇيەسسەر ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار قاتناشتى. بىزمۇ باشتىن ‏- ئاخىر بۇ سوتقا قاتناشتۇق.

30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بۇ سوت ئاخىرىدا ، سوتچى، مەمەت ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش قارارىنى جاكارلىدى. بۇ قارارنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاپ كەتتى. بالا-چاقىلىرى بولسا خۇشاللىق كۆز يېشى تۆكۈشتى.

بىز سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، مەمەت ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى خاقان ئاشىق ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بۇ سوتنىڭ نەتىجىسىنى شۇنداق ئاڭلاتتى: "ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھ-زارىنى ، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۈنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن 3 ئاي بۇرۇن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا پارتلىغۇچى ماددا تاشلىغان مەمەت ئۇيغۇر ئىسىملىق قېرىندىشىمىز بۈگۈنكى سوتتا قويۇپ بېرىلدى. بۇ قېرىندىشىمىز، "قەستەن ئوت قويۇپ مال مۈلككە زىيان سالدى" دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. تۈرك ساقچىلىرى ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تۈرك سوتى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، تۈرك جازا قانۇنىغا ئاساسەن مەمەت ئۇيغۇرنى قويۇپ بەردى. بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن."
   
بىز سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن مىكرافونىمىزنى مەمەت ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى مەردان ۋە 6 ياشتىكى قىزى مۇيەسسەرگە ئۇزاتتۇق.

كېيىن بۇ سوتقا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگىمۇ مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

مەمەت ئۇيغۇر 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، بەدىنىگە بېنزىن چېچىپ، ئوت ياققاندا ، تۈرك ساقچىلىرى ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئۆچۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېغىر يارىلانغان ئىدى.

مەمەت ئۇيغۇر يەنە 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 31, 2009 07:28 PM

ﯲﺯﻩﻣﺪﯨﻦ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،